خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 14- ماي خەلق سارىيىدا كۈتۈۋېلىش زىياپىتى ئۆتكۈزۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىگە قاتنىشىشقا كەلگەن چەت ئەل ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقلىرى ۋە ئەزىز مېھمانلارنى قارشى ئالدى ھەم ئۇلار بىلەن بىللە دۆلەت كاتتا تىياتىرخانىسىدا ئەدەبىيات- سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆردى. گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى جاڭ گاۋلى ھەمراھ بولدى.
شى جىنپىڭ تەبرىك سۆزى قىلىپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە ۋەكالىتەن ئەزىز مېھقانلارنى كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: مىڭ يىللىق قەدىمىي پايتەخت بېيجىڭ تارىختىكى ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنىڭ شاھىدى. بيېجىڭ زامانىۋى يېڭى شەھەر، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ يېڭى قىياپىتىنى نامايەن قىلىۋاتىدۇ. بېيجىڭ خەلقئارالاشقان مەركىزى شەھەر، شەرق بىلەن غەربنىڭ ئوخشىمىغان مەدەنىيىتى بۇ يەردە ھەر ۋاقىت ئۇچرىشىدۇ ۋە سىڭىشىدۇ. بېيجىڭ تارىختىكى كىچىك شەھەردىن، بۈگۈن خەلقئارا مەركىزى شەھەرگە ئايلىنىپ، بىزگە شۇنداق بىر قائىدىنى نامايەن قىلدى: ئىنسانىيەت ئورتاق ماكاندا ياشاۋاتىدۇ، ئورتاق تەقدىرگە ئىگە، ئىنىسانىيەت تارىخى باشتىن ئاخىر ئوخشىمىغان مىللەت، ئوخشىمىغان مەدەنىيەتلەرنىڭ ئۇچرىشىشى ۋە بىلىشى نەتىجىسىدە ئالغا قاراپ ئىلگىرىلەيدۇ.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى