خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مۇيەسسەر ئاباھامىت خەۋىرى) 5-ئاينىڭ 12-كۈنى چۈشتىن كېيىن، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئەھمىيەتلىك بىر پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو شىنجاڭ «دىلنار مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش تەرەققىيات فوندى جەمئىيىتى»نىڭ قۇرغۇچىسى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ «تەكلىپلىك پىروفېسسورى»، ئاتاقلىق سەنئەتكارىمىز دىلنار ئابدۇللا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى 21 ئەلاچى ئوقۇغۇچىنىڭ ھەر بىرىگە 5000 يۈەندىن 2016-يىللىق «دىلنار ئوقۇش مۇكاپات پۇلى» تارقاتتى.
جۇڭگو شىنجاڭ «دىلنار مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش تەرەققىيات فوندى جەمئىيىتى» بۇلتۇردىن باشلاپ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇش مۇكاپات پۇلى تەسىس قىلغان بولۇپ، 2016-يىلى 24 ئوقۇغۇچىغا 2015-يىللىق «دىلنار ئوقۇش مۇكاپات پۇلى» تارقىتىپ بەرگەن ئىدى، بۇ فوندى جەمئىيەت 2007-يىلى قۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىچى-سىرتىدىكى تۇرمۇش قىيىنچىلىقى سەۋەبلىك ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرالمىغان ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم قولىنى سۇنۇپلا قالماستىن، يەنە مىيىپلەر ئۈچۈنمۇ نۇرغۇن ياخشى ئىشلارنى قىلىپ بەردى. ئۇلار يەنە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە ھەر خىل لېكسىيەلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، فوندى جەمئىيەتنىڭ قارىمىقىدىكى «شىنجاڭ دىلنار مەدەنىيەت سەنئەت مەكتىپى»دە سەنئەت سۆيەر ھەر مىللەت بالىلىرىنى ھەر خىل سەنئەت تۈرىدە تەربىيەلەۋاتىدۇ.
فوندى جەمئىيەتنىڭ قۇرغۇچىسى دىلنار ئابدۇللا ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى «گۈزەللىك قۇرۇلۇشى»نىڭ ئوبراز ۋەكىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن شىنجاڭدىكى خانىم-قىزلارنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، ئاياللارنى روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن ساغلام، گۈزەل قىلىپ تەربىيەلەش ئۈچۈن ھەقسىز تەربىيەلەش كۇرسلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ «گۈزەللىك قۇرۇلۇشى»غا بىر كىشىلىك تۆھپىسىنى قوشماقتا.
شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى خىمىيە سانائەت ئىنىستىتۇتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى گۈليار مۇھەممەت مۇنداق دېدى: مەن ئىككى يىل ئۇدا «دىلنار ئوقۇش مۇكاپات پۇلى»غا ئېرىشىپ ئىنتايىن خۇش بولدۇم. بۇ پۇل ئائىلەمنىڭ ئىقتىسادىي يۈكىنى يېنىكلىتىپلا قالماي، مېنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىمنىمۇ يۇقىرى كۆتۈردى. مەن ئۇسسۇل ئويناشنى ئىنتايىن ياخشى كۆرۈمەن، بۇنىڭدىن كېيىن دەرسلەرنى تىرىشىپ ئۆگىنىپ، يەنە دىلنار ھەدەمدىن ئۇسسۇل ئۆگىنىپ، تەتىلدە يۇرتۇم يېڭىشەھەر ناھىيەسىگە بارغاندا، مەھەللەمدىكىلەرگىمۇ ئۆگىتىمەن. ياخشى ئوقۇپ، ۋەتەنگە تۆھپە قوشۇش ئارقىلىق دىلنار ھەدەمنىڭ بىزدىن كۈتكەن ئۈمىدىنى ئاقلايمەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى