- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
مائارىپ مىنىستىرلىقى: 2017-يىللىق جايلارنىڭ ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ
2017.05.11 16:44 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپ مىنىستىرلىقى يېقىندا «2017-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى تۈزۈش ۋە باشقۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقىتىپ، بۇ يىللىق ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇردى. ئىگىلىنىشچە، 2017-يىلى ئادىللىقنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ جانىجان مەنپەئەتىنى قوغداپ، «بەشكە كاپالەتلىك قىلىش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش پىلانلانغان: يەنى جايلارنىڭ ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، ئۆلكىلەر ئارا ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىش نىسبىتى پەرقىنى يەنىمۇ كىچىكلىتىشكە كاپالەتلىك قىلىش، نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ يېزا ۋە نامرات رايونلاردىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش، مەركەزنىڭ مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرىغا قاراشلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تولۇق كۇرسقا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كۆلىمى ۋە ھەر قايسى ئۆلكىلەرگە بېرىلگەن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى ئومۇمىي مىقدارىنىڭ تۆۋەنلىمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، دۆلەتنىڭ يىللىق ئالىي مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ماكرولۇق باشقۇرۇش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش.
«ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئالىي مائارىپنىڭ رايونلار ۋە يېزىلار ئارىسىدىكى ئوقۇشقا كىرىش پۇرسىتى ئادىللىقىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. 2017-يىلى دۆلەت غەربىي رايونلارنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشىغا ياردەم بېرىش ھەمكارلىق پىلانى بويىچە 287 مىڭ كىشى ئورۇنلاشتۇرىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە تولۇق كۇرسقا 167 مىڭ كىشى، مەخسۇس كۇرسقا 120 مىڭ كىشى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئاساسلىقى ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى ئالىي مەكتەپلەر مەسئۇل بولىدۇ. نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ يېزا ۋە نامرات رايونلاردىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى ئۈچ مەخسۇس پىلانى مۇۋاپىق كېڭەيتىلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەت مەخسۇس تۈر پىلانى بويىچە 63 مىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى ئورۇنلاشتۇرۇش، جايلارنىڭ مەخسۇس تۈر پىلانى بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كۆلىمىنى پىرىنسىپ جەھەتتىن 2016-يىلىدىكىدىن %10 تىن ئارتۇق ئاشۇرۇش، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مەخسۇس پىلانى بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كۆلىمى ئالاقىدار ئالىي مەكتەپلەرنىڭ يىلدا تولۇق كۇرسقا قوبۇل قىلىدىغان ئوقۇغۇچ كۆلىمىنىڭ %2دىن كەم بولماسلىقى كېرەك. جايلار، تارماقلار مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ تۈرلۈك تەلىپى بويىچە، ئالاقىدار ئالىي مەكتەپلەرنى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىنى تولۇق ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تەشكىللىشى كېرەك. 2017-يىلىدىن باشلاپ، جايلار، تارماقلارغا قاراشلىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى ۋە دۆلەت غەربىي رايونلارنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشىغا ياردەم بېرىش ھەمكارلىق پىلانى، دۆلەت نامرات رايونلاردىن نىشانلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مەخسۇس پىلانى (دۆلەت مەخسۇس تۈرى) ئايرىم چۈشۈرۈلىدۇ.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر