باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلىدى

2017.05.15 15:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 14-ماي «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە «بىر بەلباغ، بىر يول قۇرۇلۇشىنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرەيلى» دېگەن تېمىدا باش مەقسەتتە نۇتۇق سۆزلىدى، ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تىنچ ھەمكارلىشىش، ئېچىۋېتىش، سىغدۇرۇش، ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا ئەينەك قىلىش، ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈپ تەڭ پايدا كۆرۈش يادرو قىلىنغان يىپەك يولى روھىدا چىڭ تۇرۇپ، بىر بەلباغ، بىر يول قۇرۇلۇشىنىڭ داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە بىرلىكتە تۈرتكە بولۇپ، بىر بەلباغ، بىر يولنى تىنچلىق، گۈللىنىش، ئېچىۋېتىش، يېڭىلىق يارىتىش، مەدەنىيلىك يولى قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، تېخىمۇ گۈزەل كېلەچەكنى كۈتۈۋالايلى. گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جاڭ گاۋلى مۇنبەرنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9دا، شى جىنپىڭ قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە يىغىن زالىغا كىرىپ كەلدى. جاڭ گاۋلى «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى. شى جىنپىڭ رەئىس سەھنىسىگە چىقىپ نۇتۇق سۆزلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: قەدىمىي يىپەك يولى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ دوستلۇق ئالاقىسىنىڭ يېڭى دەرۋازىسىنى ئېچىپ، ئىنسانلار تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى يېزىپ چىقتى، تىنچ ھەمكارلىشىش، ئېچىۋېتىش-سىغدۇرۇش، ئۆزئارا ئۆگىنىپ ئۆزئارا ئەينەك قىلىش، ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈپ تەڭ پايدا كۆرۈش يادرو قىلىنغان يىپەك يولى روھىنى مۇجەسسەملىدى، بۇ ئىنسانلار مەدەنىيلىكىنىڭ قىممەتلىك مىراسى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىنسانلار جەمئىيىتى زور تەرەققىيات، زور ئۆزگىرىش، زور تەڭشىلىش دەۋرىدە تۇرماقتا. دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى، ئىقتىسادنىڭ يەر شارىلىشىشى، جەمئىيەتنىڭ ئۇچۇرلىشىشى، مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىشىشى چوڭقۇر تەرەققىي قىلماقتا، تىنچ تەرەققىيات زور يۈزلىنىشى يەنىلا كۈچلۈك، ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىش قەدىمى داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تىنچلىق، تەرەققىيات، ئىدارە قىلىش قىزىل رەقىمى پۈتۈن ئىنسانىيەت دۇچ كېلىۋاتقان كەسكىن خىرىس. 2013-يىلى، مەن قازاقىستان ۋە ھىندونېزىيەدە يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى ۋە 21-ئەسىر دېڭىز يىپەك يولىنى بىرلىكتە قۇرۇشنى، يەنى بىر بەلباغ، بىر يول تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدىم. تۆت يىلدىن بۇيان، دۇنيادىكى 100 دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلات بىر بەلباغ، بىر يول قۇرۇلۇشىنى پائال قوللىدى ۋە ئۇنىڭغا قاتناشتى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كېڭىشى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى قاتارلىقلارنىڭ مۇھىم قارارلىرىمۇ بىر بەلباغ، بىر يول قۇرۇلۇشىنىڭ مەزمۇنىغا كىرگۈزۈلدى. بىر بەلباغ، بىر يول قۇرۇلۇشى ئىدىيەدىن تەدرىجىي ھەرىكەتكە، ئارزۇدىن رېئاللىققا ئايلاندى، قۇرۇلۇش نەتىجىلىرى مول بولدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «بىر بەلباغ، بىر يول» دەۋر ئېقىمى، تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ماسلاشقان، ھەر قايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كەلگەن، ئىستىقبالى پارلاق. بىز ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش كۆرۈپ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىگە يۈزلىنىشىمىز كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر