باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تەرەققىيات بارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئاساسىي ئاچقۇچى

_ يىغىن ئىشتىراكچىلىرى رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئاساسىي مەقسەت نۇتقىنى قىزغىن مۇنازىرە قىلدى

2017.05.15 15:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:«مەيلى ئارىلىقىمىز قانچىلىك يىراق بولسۇن، تۇنجى قەدەمنى دادىل تاشلاپ، قەتئىيلىك بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىسەكلا، ئۆزئارا ئۇچرىشىپ چۈشىنىشىدىغان، ئورتاق تەرەققىيات يولىغا مېڭىپ، بەختلىك، خاتىرجەم، ئىناق، گۈزەل كەلگۈسىگە يۈزلىنەلەيمىز.»

  رەئىس شى جىنپىڭ 14- ماي «بىر بەلباغ بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلا مۇنبىرىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلەپ، يىپەك يولى روھىنى چوڭقۇر شەرھىلىدى، «بىر بەلباغ، بىر يول»نىڭ قۇرۇلۇش نەتىجىسىنى خۇلاسىلىدى، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ گۈزەل خەرىتىسىنى سىزىپ، «بىربەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئېچىپ بەردى.

  خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى لاگارد :«قالتىس نۇتۇق بولدى»،دېدى. ئەنگلىيە 48 دۆلەت گۇرۇھى كۇلۇبىنىڭ رەئىسى پېررىي قايىل بولۇپ، يىغىن ئىشتىراكچىلىرىنىڭ يۈرەك ساداسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ مۇنداق دېدى: بۇ <بىر بەلباغ، بىر يول> قۇرۇلۇشى ۋە دۇنيانىڭ ئورتاق تەرەققىياتىنىڭ يېڭى دەۋرگە كىرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  «بىر بەلباغ، بىر يول تەشەببۇسى ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتىدۇ، بۇنىڭغا ھەر قانداق دۆلەت قاتناشسا بولىدۇ.»

  «رەئىس شى جىنپىڭ نۇتقىدا <بىر بەلباغ، بىر يول>يۈكسەك نۇقتىدىن نەزەر سالدى، بۇ چوڭقۇر ھەم دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە.» سېنگاپور دۆلەت ئۇنىۋېرىستېتى لى گۇاڭياۋ ئاممىۋى سىياسەت ئىنىستېتۇتى ئاسىيا ۋە دۇنياۋىلىشىش تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى خۇاڭ جىڭ مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: شى جىنپىڭنىڭ نۇتقى يىپەك يولى روھىنى باشلىنىش قىلىپ، كىشىلەرگە قەدىمىي يىپەك يولىنىڭ ئېچىلىشىنىڭ تارىخقا خاتىرىلىنىشىدە، جەڭ ئېتى ۋە نەيزە ئىشلىتىلمەستىن، كارۋان ۋە ياخشىلىق مۇجەسسەملەنگەنلىكى؛ ئۇرۇش پاراخوت ۋە زەمبىرەكلەرگە ئەمەس، يۈك پاراخوتى ۋە دوستلۇققا تايانغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ قىممەتلىك مىراسلىرى چوڭقۇر ئويلىنىشىمىز ۋە ئۆرنەك ئېلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ.

  رۇسىيە زۇڭتۇڭى مۇنبەرنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا مۇنداق دېدى: 21- ئەسىردە دۇنيا نۇرغۇن خىرىس ۋە قىيىن مەسىلىلەرگە دۇچ كەلدى، بىز جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان <بىر بەلباغ، بىر يول> تەشەببۇسىغا تولىمۇ قايىلمىز. قەدىمىي يىپەك يولى ياۋروپا- ئاسىيا قۇرۇقلۇقىدىكى ئوخشىمىغان مەدەنىيەتلەرنى تۇتاشتۇردى، بۈگۈنكى كۈندە ئوخشىمىغان دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ھەمكارلىق يەنىلا مۇھىم.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر