- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
مائارىپ مىنىستىرلىقى: تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا، ئوقۇغۇچىلارغا تەنتەربىيە ۋە سەنئەت نومۇرى قوشۇپ بېرىش تۈرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى
2017.05.16 15:19 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، مائارىپ مىنىستىرلىقى بەنگۇڭتىڭى بېسىپ تارقاتقان «2017- يىللىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش »تا (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئۇقتۇرۇش» دېيىلىدۇ)، نومۇر قوشۇپ بېرىش تۈرىنى تەرتىپكە سېلىش، قېلىپلاشتۇرۇش ۋە قاتتىق كونترول قىلىش، ئوقۇغۇچىلارغا تەنتەربىيە ۋە سەنئەت نومۇرى قوشۇپ بېرىش تۈرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. بۇلار 15- ماي مائارىپ مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلەنگەن خەۋەر.
مەزكۇر «ئۇقتۇرۇش»قا ئاساسەن، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش جەريانىدا، رايونلار ئارا ۋە مەكتەپلەر ئارا ئوقۇغۇچى مەنبەسىنى قامال قىلىش ۋە يەرلىك قورۇقچىلىق قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ؛ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارزۇ تولدۇرۇشىغا ئارىلىشىۋېلىشى ۋە ۋاكالىتەن تولدۇرۇپ قويۇشى قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ؛ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەر ياكى ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش جەريانىدا، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپتىن ھەر قانداق نامدا خىراجەت ياكى نەرسە تەلەپ قىلىپ ئېلىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ؛ ساختا تەشۋىقات بىلەن ئوقۇغۇچىلارنى ئالداش ۋە ئازدۇرۇش قىلمىشلىرى قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش جەريانىدا، دۆلەت باشقۇرۇشىدىكى ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ پىلاندىن ئاشۇرۇۋېتىشى، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا رايون ئاتلاپ قوبۇل قىلىش، پۇقراۋى مەكتەپ نامىدا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش قاتارلىقلار قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ، پۇقراۋى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشىنى باشقۇرۇشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىش كېرەك. جايلار نازارەت قىلىش ۋە پاش قىلىش تېلېفون تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بەلگىلىمىگە ۋە ئىنتىزامغا خىلاپ قىلمىشلارنى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، ھەمدە بەشنى «مەنئى قىلىش»قا خىلاپلىق قىلغان مەكتەپ ۋە ئالاقىدار جاۋابكارلارنى ئاشكارا ئۇقتۇرۇش قىلىپ پاش قىلىش كېرەك.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر