خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جياڭشى يىڭتەندە يۈز بەرگەن پەۋقۇلئاددە زور قاتناش ۋەقەسىنىڭ نەق مەيدانى (5- ئاينىڭ 15- كۈنى تارتىلغان.)
15- ماي چۈشتىن كېيىن، 206 دۆلەت يولىنىڭ يىڭتەن تەۋەسىدە 1568 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا، پەۋقۇلئاددە زور قاتناش ۋەقەسى يۈز بەرگەن، بىر يۈك ئاپتوموبىلى بىلەن ئاپتوبۇس سوقۇلۇپ كەتكەن. ھازىرغا قەدەر، ۋەقەدە 10 ئادەم ئۆلگەن، سەككىز ئادەم ئېغىر يارىلانغان، 30 ئادەم يېنىك يارىلانغان، يارىدارلار ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا قۇتقۇزۇشقا ئېلىپ بېرىلغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى