باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغان بىلەن سۆھبەتلەشتى

2017.05.15 13:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 13- چېسلا خەلق سارىيىدا «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىگە قاتناشقىلى كەلگەن تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغان بىلەن سۆھبەتلەشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن تۈركىيە ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى تەرەققىياتى ناھايىتى تېز بولۇۋاتىدۇ. جۇڭگو بىلەن تۈركىيە ئارىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىككى دۆلەتنىڭ ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن. جۇڭگو بىلەن تۈركىيە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، بىر–بىرىنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان يادرولۇق مەسىلە ۋە ئىشلىرىغا ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىشى ۋە ئۇنى نەزەردە تۇتۇشى، خەۋپسىزلىك ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قاتارلىق ئىشلاردا ھەمكارلىقلارنى ئۆزئارا چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك. باراۋەر بولۇش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئورتاق پايدا ئېلىش، دېگەن بۇ پىرىنسىپ ئاساسىدا، ئىستراتېگىيەلىك جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، «توردىكى يىپەك يولى»نىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئۈچ جەھەتنى، يەنى، سىياسەت جەھەتتە ئالاقىلىشىپ تۇرۇش، ئەسلىھەلەر جەھەتتە ئۇلارنى ئورتاق قۇرۇش، كەسپىي جەھەتتە ھەمكارلىق بولۇش قاتارلىقلارنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت سودىسىنىڭ تەكشى تەرەققىي قىلىشىنى ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. جۇڭگو تۈركىيەنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى قوللىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭغا ئاكتىپ قاتناشقانلىقىنى يۈكسەك دەرىجىدە ئالقىشلايدۇ، تۈركىيە بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى رامكىسى ئاستىدا، چوڭ–چوڭ ھەمكارلىق تۈرلىرىنى مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. جۇڭگو تۈركىيەنىڭ 2018– يىلى جۇڭگوغا كېلىپ «تۈركىيە ساياھەت يىلى» ئۆتكۈزۈشىنى قارشى ئالىدۇ، تۈركىيە بىلەن ئۆزئارا مەدەنىيەت مەركىزى تەسىس قىلىش كېلىشىمى ئىمزالاشنى بىر ياخشى پۇرسەت دەپ بىلىپ، شۇ ئارقىلىق، ئىككى تەرەپنىڭ ئادىمىيەت ساھەسىدىكى ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ ئەلرايى ئاساسىنى پۇختىلاشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ يەنە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: تىنچ، مۇقىم، تەرەققىي قىلغان ئوتتۇرا شەرقنى بەرپا قىلىش خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن. جۇڭگو ئالاقىدار تەرەپلەر بىلەن ئالاقىلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئوتتۇرا شەرقنىڭ تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى بالدۇرراق ئىشقا ئاشۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى خالايدۇ.

  ئەردوغان مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تۈركىيە–جۇڭگو مۇناسىۋىتىگە بەرگەن باھاسىنى ئالقىشلايمەن، تۈركىيە ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئورتاق تونۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە ئىككى تەرەپنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەسىلىسىگە ئىجابىي پوزىتسىيە تۇتىدۇ. جۇڭگو تەرەپتىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى ئىنتايىن مۇھىم. تۈركىيە جۇڭگو بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى رامكىسى ئاستىدا، مەبلەغ سېلىش، قاتناش تىرانسپورت تورى، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ ھەم جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ تۈركىيەگە بېرىپ مەبلەغ سېلىشىنى قارشى ئالىدۇ. تۈركىيە ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتى مەسىلىسىدە جۇڭگو بىلەن ئالاقە ساقلاشنى خالايدۇ.

  سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ئەدلىيە، قاتناش، مەدەنىيەت قاتارلىق ساھەلەردە ھەمكارلىشىش توغرىسىدىكى ھۆججەتلەرنىڭ ئىمزالىنىشىغا شاھىت بولدى.

  سۆھبەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي زالىدا ئەردوغاننى قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

  ۋاڭ خۇنىڭ، لى جەنشۇ، ياڭ جيېچى قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر