باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>سۈرەتلىك خەۋەرلەر

شېنياڭ بىلەن مەكىتنى تۇتاشتۇرغان «مېھىر كۆۋرۈكى»

2017.05.12 16:11   مەنبە: خەلق تورى

شېنياڭ بىلەن مەكىتنى تۇتاشتۇرغان «مېھىر كۆۋرۈكى»

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مۇيەسسەر ئاباھامىت خەۋىرى)ئىنسان ھاياتىدا ھەر خىل قىسمەتلەرگە دۇچار بولىدۇ. بەزىلەرگە كىچىكىدىن ئاتا-ئانىسىنىڭ ھامىيلىقىدا بەخت - سائادەت ئىچىدە خاتىرجەم چوڭ بولۇش نېسىپ بولسا، يەنە بەزىلەر ئۇنداق بەختكە نائىل بولالمايدۇ. ئىنسان ئۆز قىسمىتىدىن زارلانماي، بەل قويۇۋەتمەي ئۈزلۈكسىز تىرىشقاندىلا، قەيسەر ئىرادىسى بىلەن ھاياتلىق يولىنى ئۆزگەرتىپ، ئۆز بەختىنى تاپالايدۇ.

  بىز بۈگۈن ھېكايىسىنى سۆزلىمەكچى بولغان 24 ياشلىق نۇرمۇھەممەت تۇرسۇن ئاتا-ئانىسىدىن كىچىك يېتىم قىلىپ، ئائىلە مېھرىگە قېنىپ چوڭ بولالمىغان بولسىمۇ، پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ ۋە ياخشى نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ غەمخورلۇقىدا ساغلام چوڭ بولغان ھەم ئۆز تىرىشچانلىقى بىلەن تەقدىرىنى ئۆزگەرتكەن قەيسەر ياشلارنىڭ ئۈلگىسى.

  نۇرمۇھەممەت تۇرسۇن 1993-يىلى قەشقەر ۋىلايىتى مەكىت ناھىيەسىدە تۇغۇلغان بولۇپ، ئۈچ يېشىدىلا ئاتا-ئانىسىدىن يېتىم قېلىپ، بالىلىق ۋە ئۆسمۈرلۈك ۋاقىتلىرىنى ئاچىسى بىلەن بىللە مەكىت ناھىيەلىك بالىلار پاراۋانلىق ئورنىدا ئۆتكۈزگەن. باشقا بالىلارغا ئوخشىمايدىغان كىشىلىك ھايات ئۇنىڭ تۇرمۇشقا بولغان ئىشەنچى ۋە كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىدىنى ئاجىزلاشتۇرالمىغان، ئەكسىچە ئۇنى تېخىمۇ ئىرادىلىك، غەيرەتلىك ۋە غايىلىك قىلىپ يېتىلدۈرگەن. 2012-يىلى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ئۇ ئۆز ئارزۇسى بويىچە ئەلا نەتىجە بىلەن شېنياڭ قۇرۇلۇش-بىناكارلىق ئۇنىۋېرسىتېتىغا قوبۇل قىلىنغان. شۇنداق قىلىپ ئۇ مەكىت ناھىيەلىك بالىلار پاراۋانلىق ئورنىدىن چىققان تۇنجى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ قالغان.

  نۇرمۇھەممەت ئالىي مەكتەپكە بارغاندىن كېيىن، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئەتراپىدىكى ساۋاقداشلىرىغا قارىغاندا نەچچە ھەسسە تىرىشىپ ئوقۇدى. ئۇ ئۆگىنىشنى چىڭ تۇتۇش بىلەن بىللە، ئەتراپىدىكى كىشىلەرگە ئىللىقلىق يەتكۈزۈش، ئەڭ مۇھىمى مەكىت ناھىيەلىك بالىلار پاراۋانلىق ئورنىدىكى ئېنى – سىڭىللىرىغا مېھىرلىك قوللىرىنى سۇنۇش مەقسىتىدە «مۇھەممەت مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش، مائارىپقا ياردەم بېرىش ئەترىتى»نى قۇرۇپ، شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلار بىلەن تەتىلدە يۇرتىغا قايتقىنىدا بالىلار پاراۋانلىق ئورنىدىكى بالىلارغا ئىللىقلىق يەتكۈزدى. ئۇ ئۆز تىرىشچانلىقى بىلەن مەملىكەت دەرىجىلىك ئوقۇش مۇكاپاتى، شېنياڭ شەھىرىنىڭ 4-ماي مېدالى، لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ «لېي فىڭدىن ئۆگىنىش ئۈلگىسى» قاتارلىق نۇرغۇن شان-شەرەپلەرگە ئېرىشتى.

  نۇر مۇھەممەت تۇرسۇن ھەر تەتىلدە مەكىت ناھىيەلىك بالىلار پاراۋانلىق ئورنىغا كېلىپ، ئۆز ۋاقتىدا ئۆزى تۇرغان بۇ ئورۇندىكى كىچىك دوستلارغا ئۆسۈپ-يېتىلىش جەريانىنى، تىرىشىپ ئوقۇش ئارقىلىق خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەن گۈزەل شەھەرگە، ئالىي بىلىم يۇرتىغا ئوقۇشقا بارغانلىقىنى، ھازىرقى بەختلىك تۇرمۇشىنى سۆزلەپ بېرەتتى. بالىلار نۇر مۇھەممەت ئاكىسىنىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلاشنى بەكلا ياخشى كۆرەتتى. چۈنكى ئۇنىڭ ھېكايىسى كىچىك دوستلارنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالاتتى، ئۇلار بۇ ھېكايىنى ئاڭلىغاندا، ئۇنىڭ بۈگۈنىدىن ئۆزىنىڭ كەلگۈسىنى كۆرگەندەك بولاتتى. بالىلار ئۇنىڭدىن قىزىققان ھالدا: نۇمۇھەممەت ئاكا، دېڭىز قانچە چوڭ؟ ئايروپىلان ئاسمانغا چىققاندا ئادەم ئۇچۇۋاتقان قۇشلارنى ئېنىق كۆرەلەمدىكەن؟ سىز تۇرغان شەھەردىكى بالىلارمۇ بىزدەك بەش تاش، ۋاللەي ئويۇنلىرىنى ئوينامدىكەن...؟ دېگەندەك سوئاللارنى ياغدۇرۇۋېتەتتى. نۇر مۇھەممەت ئۇلارنىڭ سوئاللىرىغا ئېرىنمەي بىر-بىرلەپ جاۋاب بېرەتتى. چۈنكى ئۇمۇ كىچىك ۋاقىتلىرىدا ئاسماندا ئۇچۇۋاتقان ئايروپىلانلارغا ھەۋەسلىنىپ قارىغان، تېلېۋىزوردا كۆرگەن دېڭىز-ئوكيانلارنىڭ تىلسىملىرىغا قىزىققان ئىدى. ئۇ بالىلارغا تىرىشىپ ئوقۇسىلا، شۇ گۈزەل شەھەرلەرگە، دېڭىز بويلىرىغا بارالايدىغانلىقىنى، پەقەت تىرىشقاندىلا ئۆزىگە ئوخشاش گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتالايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرەتتى. ھازىر بالىلار تەتىل كۈنلىرىنىڭ تېزرەك يېتىپ كېلىشىنى، «نۇرمۇھەممەت مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش، مائارىپقا ياردەم بېرىش ئەترىتى»دىكى ئاچا-ئاكىلىرىنىڭ مەكىتكە كېلىپ ئۆزلىرىگە خەنزۇچە ئۆگىتىشى ھەم تەرەققىي قىلغان چوڭ شەھەرلەرنىڭ ھېكايىسىنى ئېيتىپ بېرىشىنى ئارزۇ قىلىدىغان بولۇپ قالدى.

  نۇرمۇھەممەتنىڭ قەلبىدىكى بۇ مېھىر- مۇھەببەت نۇرى پەقەت مەكتەپ ئىچى، شۇنداقلا تەكلىماكان قۇملۇقى بويىدىكى ئەنە شۇ يېتىم بالىلارنىڭلا قەلبىنى يورۇتۇپ قالماستىن، ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ھەر بىر كىشىنىڭ قەلبىنى ئىللىتتى. بۇنىڭلىق بىلەن بۇ ئىللىقلىق ئەترىتىنىڭ نۇرى تېخىمۇ يىراقلارغا چېچىلىشقا باشلىدى.

  «نۇرمۇھەممەت مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش، مائارىپقا ياردەم بېرىش ئەترىتى» مەكتەپ رەھبەرلىرىنىڭ ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتىن قوللىشى بىلەن تېخىمۇ مۇكەممەللەشتى. ئېلىمىزنىڭ باشقا جايلىرىدىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارمۇ بۇ ئەترەتكە قوشۇلدى. ئۇلار دەم ئېلىش كۈنلىرىدە شېنياڭ شەھىرىدىكى ياشانغانلار ساناتورىيەسىگە بېرىپ، شىنجاڭنىڭ ناخشا-ئۇسسۇللىرىنى ئورۇنلاپ، ئۇلاردىن ھال سورىدى. سىرىتتىن كەلگەن ئىشلەمچىلەرنىڭ پەرزەنتلىرى ئوقۇيدىغان لۇمىن باشلانغۇچ مەكتىپىگە بېرىپ، ئوقۇغۇچىلارغا شىنجاڭ ناخشا-ئۇسسۇللىرىنى ئۆگەتتى.

  نۇرمۇھەممەت يۇقىرىقىدەك نەتىجىلىرى ۋە تىرىشچانلىقلىرى بىلەن ئەتراپىدىكى كىشىلەرنى، ئەڭ مۇھىمى مەكتەپ رەھبەرلىكىنى تەسىرلەندۈردى.

  2016-يىلى مەكتەپ پۈتكۈزۈش ھارپىسىدا، مەكتەپ رەھبەرلىكى نۇرمۇھەممەتنىڭ بىر قانچە يىللىق ئۆگىنىش ۋە باشقا جەھەتتىكى ئالاھىدە نەتىجىلىرىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئوقۇتقۇچىلىققا ئېلىپ قېلىشنى قارار قىلدى. شۇنىڭ بىلەن نۇرمۇھەممەت ھاياتىدىكى ئەڭ مۇھىم بىر تاللاشقا دۇچ كەلدى. ئۇ ئىككىلىنىپ قالدى، تاللاش جەريانىدا ئۇنىڭ ئەڭ قىيالمايۋاتقىنى دەل مەكىت ناھىيەلىك بالىلار پاراۋانلىق ئورنىدا قالغان تەقدىرداش ئېنى –سىڭىللىرى ۋە يۇرتىدىكى ئاچىسى ئىدى. ئۇ يەنە شېنياڭدىكى مەكتىپىگىمۇ قىيالمايتتى. يۇرتىغا قايتقۇچە يولبويى كۆپ ئويلاندى، بېرىپلا ئاچىسى بىلەن مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن، ئاخىر چوڭ شەھەردە تەرەققىي قىلىشنى، ئۆزىنى كۈچلەندۈرۈپ، پاراۋانلىق ئورنىدىكى ئېنى-سىڭىللىرىغا كۆپرەك ياردەم قىلىشنى قارار قىلدى.

  نۇر مۇھەممەت خىزمەتكە چىققاندىن كېيىنكى تۇنجى تەتىلدە يۇرتىغا قايتىپ، نەچچە ئايلىق مائاشىدىن ئېشىنغان 5000 يۈەن پۇلنى مەكىت ناھىيەلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىگە بالىلار پاراۋانلىق ئورنىدىكى بالىلارنىڭ تۇرمۇشىغا ئىشلىتىش ئۈچۈن تاپشۇردى. مەكىت ناھىيەلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ مەسئۇللىرى پاراۋانلىق ئورنىدا چوڭ بولغان ھەم بۇ پاراۋانلىق ئورنىنى ھېلىھەم ئۆز ئائىلىسىدەك كۆرۈپ كېلىۋاتقان نۇرمۇھەممەت تۇرسۇننىڭ ئالىي مەكتەپكە كەتكەندىن بۇيان، ھەر تەتىلدە پاراۋانلىق ئورنىنى ئۇنتۇپ قالماي، بالىلارغا خەنزۇ تىلى ئۆگىتىپ، ئۇلارغا زور مەدەت ۋە ئىلھام بېرىپ كېلىۋاتقىنىدىن ئىنتايىن خۇش ئىدى. نۇر مۇھەممەتنىڭ شېنياڭ قۇرۇلۇش- بىناكارلىق ئۇنىۋېرسىتېتىغا خىزمەتكە چىققانلىقىنى ئاڭلاپ، پاراۋانلىق ئورنىدىن مۇشۇنداق ئىختىساس ئىگىسىنىڭ چىققانلىقىدىن پەخىرلەنگەن ھەم بۇ يىگىتنىڭ خىزمەتكە چىققاندىن كېيىن ئالدىراش بولۇپ كېتىپ، ئېنى-سىڭىللىرىغا بۇرۇنقىدەك ياردەم قىلالماسمىكىن، دەپ ئويلىغان ئىدى. ئۇ تەتىل بولۇپلا نۇر مۇھەممەتنىڭ ئەترىتىدىكى ئەزالارنى باشلاپ مەكتەپكە ئۈنۈپ بولغانلىقىنى، بۇرۇن پەقەت مەنىۋى جەھەتتىن ياردەم قىلغان بولسا، بۇنىڭدىن كېيىن مەكتەپ رەھبەرلىرى ۋە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭمۇ بۇ سەپكە قېتىلىپ، ھەر قايسى جەھەتتىن ياردەم قىلىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ كۆزلىرى نەمدەلدى.

  شېنياڭ قۇرۇلۇش-بىناكارلىق ئۇنىۋېرسىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى دۇڭ يۈكۈەن مۇنداق دېدى: نۇر مۇھەممەت ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە قەيسەر ئىرادىسى بىلەن ھەممىمىزنى قايىل قىلدى. ئۇ ئوقۇش پۈتكۈزگەندە ئۇنىڭ ئىنتايىن مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچى ئىكەنلىكى، ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ئىناۋىتىنىڭ يۇقىرىلىقى ھەمدە مەكتىپىمىزدە شىنجاڭلىق ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنى يېتەكلەيدىغان يېتەكچى ئوقۇتقۇچىنىڭ زۆرۈرلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، تولۇق كۇرسنى پۈتكۈزگەن بولسىمۇ، قائىدىنى بۇزۇپ ئۇنى مەكتەپتە ئېلىپ قىلىشنى قارار قىلدۇق. ئۇ مەكتىپىمىزگە ئىشقا چۈشكەندىن بۇيان، ئۆزى چوڭ بولغان مەكىت ناھىيەسىنىڭ پاراۋانلىق ئورنىدىكى بالىلارغا ئىللىقلىق يەتكۈزۈشنى ئۆزىنىڭ مەجبۇرىيىتى دەپ قاراپ كەلدى. بىز ئۇنىڭ ساخاۋەت ئىشلىرىنى قوللاپ كېلىۋاتىمىز. ئۇ بىزنىڭ مەكتەپ بىلەن ئۆزى چوڭ بولغان پاراۋانلىق ئورنى ئوتتۇرىسىدا بىر «مېھىر كۆۋرۈكى» سالدى. بۇ يىل يازلىق تەتىلدە مەكتەپ رەھبەرلىرىمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە مەكىتكە بېرىپ، بالىلار پاراۋانلىق ئورنىدىكى بالىلارنى يوقلىماقچى بولۇۋاتىمىز.

  شېنياڭ قۇرۇلۇش-بىناكارلىق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى سۇبھىنۇر ئۆمەر مۇنداق دېدى: نۇرغۇن بالىلار مۇئەللىمنىڭ ئىش-ئىزلىرىدىن تەسىرلىنىپ، جەمئىيەتكە، ياخشى ئوقۇش شارائىتى يارىتىپ بەرگەن پارتىيەگە مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈش كېرەكلىكىنى ھېس قىلدى. نۇرمۇھەممەت مۇئەللىم بىز شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭلا ئەمەس، شېنياڭ قۇرۇلۇش-بىناكارلىق ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى بارلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىسى.

  __ مەنمۇ كىچىكىمدىن تارتىپ پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ، نۇرغۇن ياخشى كىشىلەرنىڭ غەمخورلۇقىغا ئېرىشكەن. كىچىك ۋاقتىمدا ماڭا ياردەم قىلىدىغان ئادەم بولسا دېگەن خىياللارنى قىلاتتىم، بالىلار پاراۋانلىق ئورنىدىكى ئېنى-سىڭىللىرىمنىڭمۇ باشقىلارنىڭ ياردىمىگە موھتاج ئىكەنلىكىنى بىلىمەن، مەن ھازىر بالىلار پاراۋانلىق ئورنىدىكى بالىلارنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ئۇلارغا يارىتىپ بەرگەن ياخشى شارائىتنى قەدىرلەپ، تىرىشىپ ئۆگىنىپ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىشىنىڭ لازىملىقىنى ئۇلارغا بىلدۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىمەن. بىزدە «يالغۇز ئاتنىڭ چىڭى چىقماس، چىڭى چىقسىمۇ دېڭى چىقماس» دېگەن گەپ بار، مەكتەپ رەھبەرلىرى ۋە باشقا ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياردىمى بولمىغان بولسا، مەن يالغۇز بۇنچە كۆپ كىشىلەرگە ئىللىقلىق يەتكۈزۈش ئارزۇيۇمغا يېتەلمىگەن بولاتتىم،-دېدى نۇرمۇھەممەت تۇرسۇن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: 2017-يىللىق جايلارنىڭ ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىم…
    ·چوڭ ۋە ئوتتۇرا شەھەرلەر بىرلىشىپ خىزمەتكە تەكلىپ قىلىشنىڭ رايون ھالقىغان سەييارە پونكىتلىرى تۇنجى ب…
    ·جۇڭگو شىنجاڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئۆمىكى ئافغانىستاننى زىيارەت قىلدى 
    ·شىنجاڭ سانجى ئىنستىتۇتى 29 نەپەر يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈشنى پىلانلىدى 
    ·ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 2017-يىللىق ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھانى 6-ئاينىڭ 24-كۈنى باشلىنىدۇ
    ·ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى تەييارلىقى ئەڭ ئاخىرقى ھۇجۇم پەللىسىگە كەلدى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ، يەسلىلەر بىخەتەرلىك ئەھۋالىنىڭ مەكتەپلەرنى باھالاش …
    ·ئېلىمىز دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ كەسپىي مائارىپ سىستېمىسى قۇرۇپ چىقتى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى ئاساسىي قاتلاملارغا بېرىپ خىزمەت قىلىشقا يەنىمۇ …
    ·ئۆزبېكىستاننىڭ ئەنئەنىۋى تائامى — پولۇ