باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

6- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ ئۈرۈمچىدىن لوندونغا ئۇچىدىغان ئايروپىلاننىڭ ئوتتۇرا يولدا ئايروپىلان ئالماشتۇرۇش ۋاقتى بەش سائەتتىن ئارتۇق تېجىلىدۇ

2017.05.11 17:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10- ماي، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ شۆبە شىركىتىدىن ئىگىلىنىشىچە، 6 - ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ گۇاڭجۇدىن لوندونغىچە ئارىلىقتا ھەر كۈنى يېڭىدىن بىر نۆۋەتلىك نۆۋەتچى ئايروپىلانى كۆپەيتىلىدىكەن، شۇ چاغدا، ئۈرۈمچىدىن لوندونغا ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ گۇاڭجۇدا توختاپ ئايروپىلان ئالماشتۇرۇش ۋاقتى بەش سائەتتىن ئارتۇق تېجىلىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە: 6- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ، يولۇچىلار CZ6885 تىپلىق نۆۋەتچى ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ سائەت 14:45 ئۆتكەندە ئۈرۈمچىدىن ئۇچۇپ، 19:40 ئۆتكەندە گۇاڭجۇغا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، سەھەر 00:55 ئۆتكەندە CZ603 تىپلىق نۆۋەتچى ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ گۇاڭجۇدىن ئۇچۇپ، شۇ يەر ۋاقتى 06:35 ئۆتكەندە لوندونغا يېتىپ بارىدىكەن. شۇ چاغدا، جەنۇب ئاۋىياتسىيە ھەر كۈنى ئىككى قېتىم گۇاڭجۇدىن لوندونغا ئۇچىدىغان ھاۋا لىنىيەسىنى ئىجرا قىلىدىكەن، بوئېن 787 تىپلىق ئايروپىلان ئىجرا قىلىپ، يېڭىدىن كۆپەيگەن نۆۋەتچى ئايروپىلان كۈندە 00:55 ئۆتكەندە گۇاڭجۇدىن ئۇچىدىكەن. بۇنىڭ بىلەن ئۈرۈمچىدىن گۇاڭجۇغا ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ لوندون ھاۋا لىنىيەسى بىلەن ئۈنۈملۈك تۇتىشىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىكەن.

  جەنۇب ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ ئالاقىدار خىزمەتچىسى مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى، يولۇچىلارنىڭ جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ نۆۋەتچى ئايروپىلانىغا ئولتۇرۇپ ئۈرۈمچىدىن لوندونغا ئۇچىدىغان ۋاقتى تەخمىنەن 19 سائەت ئىدى، بۇ جەريانىدا گۇڭجۇدا ئاز دېگەندە 10 سائەت توختاپ، بىر كېچە تۇرغاندىن كېيىن، ئەتىسى ئەتىگەندە گۇاڭجۇدىن لوندونغا ئەتىگەنلىك نۆۋەتچى ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ ئاندىن ئۇچاتتى، بۇنىڭ بىلەن سېلىشتۇرغاندا، يولۇچىلار يېڭىدىن كۆپەيگەن نۆۋەتچى ئايروپىلانغا ئولتۇرغاندا، يولۇچىلارنىڭ سەپەردىكى ۋاقتى زور دەرىجىدە قىسقىرايدىكەن.»

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر