باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگونىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان سودا سوممىسى 20 تىرىليون يۈەنگە يەتتى

2017.05.11 16:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 10-ماي ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن بۇيان، لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەر ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقى جەھەتلەردە كۆرگىلى، تۇتقىلى بولىدىغان كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشىپ، لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشتى. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، سودا جەھەتتە، جۇڭگو ــــ شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى كۆرگەزمىسى، جۇڭگو ــــ جەنۇبىي ئاسىيا كۆرگەزمىسى، جۇڭگو ــــ ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسى، جۇڭگو ــــ ئەرەب ئەللىرى كۆرگەزمىسى قاتارلىق كۆرگەزمىلەرنىڭ سۇپىلىق رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ ئۆز ئارا ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» سودا پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىلەنگەن. 2014-يىلىدىن 2016-يىلىغىچە، جۇڭگونىڭ لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان سودا سوممىسى 20 تىرىليون يۈەنگە يېتىپ، ئېشىش سۈرئىتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن يۇقىرى بولغان. مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقى جەھەتتە، مۇلازىمەت كاپالىتىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، كارخانىلارنى لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەرگە بېرىپ مەبلەغ سېلىپ تەرەققىي قىلىشقا رىغبەتلەندۈرگەن. 2014-يىلىدىن 2016-يىلىغىچە، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەرگە سالغان بىۋاسىتە مەبلىغى 50 مىليارد دوللاردىن ئاشقان؛ لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن يېڭىدىن ئىمزالىغان تاشقى ھۆددىگەرلىك قۇرۇلۇشى توختام سوممىسى 304 مىليارد 900 مىليون دوللارغا يەتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، تاشقى مەبلەغ ئىجازىتى ساھەسىنى يەنىمۇ كەڭ قويۇۋېتىپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك خەلقئارا سودا-تىجارەت مۇھىتى بەرپا قىلىپ، لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەرنى جۇڭگوغا كېلىپ مەبلەغ سېلىشقا جەلپ قىلغان. چېگرا سىرتىدا ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىق رايونى قۇرۇش جەھەتتە، ئېلىمىز كارخانىلىرى لىنىيە بويىدىكى 20 دۆلەتتە ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىق رايونىدىن 56نى قۇرۇپ، مەبلەغ سېلىش سوممىسى ھازىرغىچە 18 مىليارد 500 مىليون دوللاردىن ئېشىپ، ساھىبخان دۆلەتكە 1 مىليارد 100 مىليون دوللاردىن ئارتۇق باج كىرىمى ۋە 180 مىڭدىن ئارتۇق ئىش ئورنى يارىتىپ بەرگەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر