باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

4-ئايدا CPI ئالدىنقى ئايدىكىدىن ئازراق ئاشتى

مال باھاسى مۇقىم، پۇل پاخاللىقى بېسىمى كىچىك بولدى

2017.05.11 16:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 10-ماي ئېلان قىلغان مەملىكەت بويىچە ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچى (CPI) ۋە سانائەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ زاۋۇتتىن چىقىش باھا كۆرسەتكۈچى (PPI) سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 4-ئايدا مال باھاسى مۇقىم بولغان، CPI ئالدىنقى ئايدىكىدىن %0.1 ئاشقان، PPI ئالدىنقى ئايدىكى ئېشىشتىن تۆۋەنلەشكە ئۆزگىرىپ، بۇلتۇر 7-ئايدىن بۇيان تۇنجى قېتىم تۆۋەنلىگەن. مۇتەخەسسىسلەر سانلىق مەلۇماتتىن پۇل پاخاللىق بېسىمىنىڭ ئېغىر ئەمەسلىكى، مال باھاسىنىڭ مۇقىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. خەلق تۇرمۇشى بانكىسىنىڭ باش تەتقىقاتچىسى ۋېن بىن مۇنداق دېدى: 4-ئايدا CPI بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %1.2 ئېشىپ، ئۇدا ئىككى ئاي ئۆستى، لېكىن ئېشىش نىسبىتى يەنىلا ئاستا بولدى، شۇنداقلا PPIنىڭ ئېشىش نىسبىتىنى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىل بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئۇدا ئىككى ئاي تۆۋەنلىدى، PPI بىلەن CPIنىڭ قايچىسىمان پەرقى يەنىمۇ كىچىكلەپ، مال باھا يۈزلىنىشى ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى.4-ئايدا، CPIنىڭ ئالدىنقى ئايدىكىدىن ئېشىشىغا ئاساسلىقى يېمەكلىكتىن باشقا ماللارنىڭ باھاسىنىڭ ئۆسۈشى تەسىر كۆرسەتكەن. يېمەكلىكتىن باشقا ماللارنىڭ باھاسى ئالدىنقى ئايدىكىدىن %0.2 ئېشىپ، CPIنىڭ ئۆرلىشىگە 0.18 پىرسەنت پوئېنت تەسىر كۆرسەتكەن. كۆكتات، گۆش قاتارلىقلارنىڭ باھاسىنىڭ داۋاملىق تۆۋەنلىشى تەسىرىدە، يېمەكلىك باھاسى ئالدىنقى ئايدىكىدىن %0.6 تۆۋەنلەپ، CPIنىڭ تۆۋەنلىشىگە 0.11 پىرسەنت پوئېنت تەسىر كۆرسەتكەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر