خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8- ماي، نيۇ يوركقا جايلاشقان ب د ت باش ئىشتابىدا، ب د ت باش كاتىپى گۇتېررېس جۇڭگو تاراتقۇلىرىنىڭ بىرلەشمە زىيارىتىنى قوبۇل قىلماقتا.
ب د ت باش كاتىپى گۇتېررېس يېقىندا نىيۇيوركتىكى باش ئىشتابىدا مۇنۇلارنى دېدى: ھازىر، يەر شارىلىشىش ۋە ئەركىن سودا قىلىش ئۈستىدىن نۇرغۇن كىشىلەر گۇمانىنى ئوتتۇرىغا قويىۋاتقان مۇشۇ پەيتتە، «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى خەلقئارا جەمئىيىتىنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشى، ئاشلىق بىخەتەرلىكى ۋە سۇ كەمچىل بولۇش قاتارلىق دۇنياۋى خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇشى ئۈچۈن يېڭى پۇرسەت يارىتىپ بەردى. جۇڭگو مۇشۇ «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەم بۇ تەشەببۇسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەھەتتە ئىجابىي ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، جۇڭگو ئاشۇ خەلقئارا جەمئىيەتلەر بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، دۇنياۋى مەسىلىلەرنى بىرلىكتە ھەل قىلىش جەھەتتە «يادرولۇق رولىنى جارى قىلدۇردى».
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى