باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

باشلىقلار مۇنبىرى ئېچىلىش ئالدىدا، جۇڭگو «بىر بەلباغ، بىر يول» ۋاقتىدا كىردى

2017.05.11 16:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى ئېچىلىش ئالدىدا تۇرماقتا. 14-مايدىن 15-مايغىچە «بىر بەلباغ، بىر يول» بويىدىكى دۆلەتلەر ۋەكىللىرى بىر يەرگە جەم بولۇپ، كەلگۈسى توغرىسىدا مۇزاكىرىلىشىدۇ.

  ئاساسىي يىغىن مەيدانى يەنچى كۆلى خەلقئارا يىغىن مەركىزى ئاللىبۇرۇن ئۆزگىچە جۇڭگو ئېلېمېنتى بىلەن داڭق چىقارغان بولۇپ، بۇ قېتىمقى يىغىن زالىنى زىننەتلەشتىمۇ ئەنئەنىۋى جۇڭگو ئېلېمېنت ئاساسىي مېلودىيە قىلىندى. يەنە بىر يىغىن مەيدانى، دۆلەتلىك يىغىن مەركىزىنىڭ تەييارلىق خىزمىتىمۇ پۈتتى. بۇ يەر « BRF»(باشلىقلار مۇنبىرىنىڭ ئىنگلىز تىلىدىكى قىسقارتىپ يېزىلىشى) بەلگىسى بىلەن تولغان بولۇپ، كۆك بىلەن سېرىق ئارىلاشقان چوڭ-كىچىك تاختىلار بىلەن بېزىلىپ يېڭىچە تۈسكە كىردى، ھەر قايسى پاراللېل تېما يىغىن مەيدانى، ئاخبارات مەركىزىمۇ بېزىلىپ بولدى.بۇ قېتىمقى تېخىمۇ مۇھىم تەييارلىق جۇڭگونىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» ئۈچۈن توپلىغان يېتەرلىك كۆپ سەمىمىيىتى ۋە نەتىجىسى.جۇڭگو بۇ يىل 1-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن باشلاپ باشلىقلار مۇنبىرىغا تەييارلىق قىلىشنى باشلىغان، شۇ كۈنى رەئىس شى جىنپىڭ داۋوس دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ يىللىق يىغىنىدا باشلىقلار مۇنبىرى ئۆتكۈزىدىغانلىق ئۇچۇرىنى جاكارلىغان. جۇڭگو «بىر بەلباغ، بىر يول»غا تەييارلىق قىلىشنى ئاز دېگەندىمۇ 2013-يىلى كۈزدىن باشلىغان، شۇ يىلى 9- ئايدا شى جىنپىڭ «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى»، 10-ئايدا «21-ئەسىر دېڭىز يىپەك يولى» تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر