باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى

2017.05.11 16:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 10-ماي گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا، چېگرا رايوننىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتىكى «چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈپ، خەلقنى بېيىتىش ھەرىكىتىنىڭ <13-بەش يىللىق> يىرىك پىلانى» ماقۇللاندى؛ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقىنى تۈگىتىش خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى ۋە نۇقتىلىق كەسىپلەردىكى قالاق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى شاللاشنى تەكشۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلۈپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى سەرخىللاشتۇرۇش ئىلگىرى سۈرۈلدى؛ ئۇچۇر ئىستېمالىنى كېڭەيتىپ ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىچكى ئېھتىياجنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى قويۇپ بېرىپ، تەرەققىيات يېڭى ئېنېرگىيەسىنى يېتىشتۈرۈش ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈپ، خەلقنى بېيىتىش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆز ئەھۋالىغا قاراپ قاراتمىلىق ھالدا يېتەرسىزلىكنى تولۇقلاش __ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ۋە دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئومۇمىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك. بىرىنچى، چېگرا رايونلارنىڭ ئۇل ئەسلىھە شارائىتىنى ياخشىلاپ، مائارىپ، سەھىيە، كۈتۈنۈش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مەدەنىيەت قاتارلىق ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىپ، 2020-يىلىغا بارغاندا چېگرا رايونلاردىكى كەنتلەرنىڭ يول، توك، ئۇچۇر، ئىچىملىك سۈيىنى راۋانلاشتۇرۇش ۋە لاياقەتلىك شىپاخانا ۋە كەنت دوختۇرى، بىخەتەر تۇرالغۇ بولۇش قاتارلىق نىشانلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك. ئىككىنچى، دېھقانچىلىق-چارۋىچىلىق، مەدەنىيەت ساياھىتى، مىللىي قول ھۈنەرۋەنچىلىك قاتارلىق ئۆزگىچە ئەۋزەل كەسىپلەر ۋە سودا ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىق كەسىپلەر رايونىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، چېگرا بويىدىكى نۇقتىلىق شەھەر-بازار، ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۆزگىچە كەنت-بازار قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش كېرەك. چېگرا رايونلارنىڭ ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، تەبىئىي بايلىق مۈلۈك پايدىسى بويىچە يۆلەش ۋە كۆپ مەنبەلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش تولۇقلىمىسى مېخانىزمىنى ئالدىن ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك. ئۈچىنچى، سىياسەت جەھەتتە يۆلەش ۋە نىشانلىق ياردەم بېرىش سالمىقىنى كۈچەيتىپ، تارماقلار ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتى، تۈرى ۋە قۇرۇلۇشىنى چېگرا رايونلارغا مايىللاشتۇرۇپ، چېگرا رايوندىكى ئاھالىلەرنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ياردەم ئۆلچىمىنى مۇۋاپىق ئۆستۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. تۆتىنچى، چېگرا بويىنى ئېچىش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئالاقىدار چېگرا رايونلارنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا كىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خادىملارنىڭ ئالاقىسى ۋە تاموژنىدىن ئۆتۈشنى قولايلاشتۇرۇپ، ئالاقىدار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، چېگرا ئاھالىسىنىڭ ئۆزئارا سودا تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر