- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ پەرمان ئىمزالاپ «ھەربىي ئىشلارغا ئائىت قانۇن چىقىرىش خىزمىتى نىزامى»نى ئېلان قىلدى
2017.05.11 16:41 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ پەرمان ئىمزالاپ «ھەربىي ئىشلارغا ئائىت قانۇن چىقىرىش خىزمىتى نىزامى»نى ئېلان قىلدى، مەزكۇر «نىزام» 2017-يىل 5-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلدى.
«نىزام» 12 باب، 78 ماددا بولۇپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى ھەربىي ئىشلارغا ئائىت قانۇن چىقىرىش خىزمىتىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى ۋە ئاساسىي پىرىنسىپى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى؛ ھەربىي قانۇن-نىزام، ھەربىي قائىدە، ھەربىي ئىشلارغا دائىر قېلىپلاشقان ھۆججەتلەرنى بېكىتىش ھوقۇق دائىرىسى بەلگىلەندى؛ ھەربىي قانۇن-نىزام، تۈزۈم تۈزۈشنى لايىھەلەش ۋە پىلانلاش، تەييارلاش ۋە مەلۇم قىلىش، تەكشۈرۈش، قارار قىلىش ۋە ئېلان قىلىش، تۈزىتىش كىرگۈزۈش ۋە ئەمەلدىن قالدۇرۇش قاتارلىق كونكرېت تەرتىپ قېلىپلاشتۇرۇلدى؛ ھەربىي قانۇن-نىزام، تۈزۈملەرنى ئەنگە ئېلىپ تەكشۈرۈش، رەتلەپ توپلاش، تەتبىقلاش ۋە چۈشەندۈرۈش، تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇش قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك تۈزۈم بەلگىلەندى؛ ھەربىي ئىشلارغا دائىر قېلىپلاشتۇرۇلغان ھۆججەتلەرنى باشقۇرۇش تۈزۈمى مۇكەممەللەشتۈرۈلدى.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر