باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ كاپىتال باشقۇرۇشنى ئاساس قىلىپ، فۇنكسىيەنى ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش لايىھەسى»نى تارقاتتى

2017.05.11 16:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ كاپىتال باشقۇرۇشنى ئاساس قىلىپ، فۇنكسىيەنى ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش لايىھەسى»نى تارقىتىپ، دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش فۇنكسىيەسىنى تەڭشەپ ۋە ياخشىلاپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى يېڭىلاپ، دۆلەت كاپىتالىنىڭ ئۈنۈمىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇشنى ئېنىق تەلەپ قىلدى.

  «پىلان»دا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى قارار، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى مەبلەغ چىقارغۇچىسى ۋەكىلىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى توغرا ئىگىلەپ، دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، دۆلەت مۈلكىنىڭ قولدىن كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، دۆلەت مۈلكىنىڭ قىممىتىنى ساقلاش-ئاشۇرۇش، دۆلەت ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە زورايتىش ئۈچۈن پائال تۆھپىلەرنى قوشتى. لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىرگە، دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش مېخانىزمى مۇكەممەل بولماسلىق، دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتا ئالدىغا ئۆتۈۋېلىش، بوش قېلىش، ئالمىشىپ قېلىش مەسىلىلىرى ساقلانماقتا، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش فۇنكسىيەسى ۋە ئۇسۇلىنى تېزدىن تەڭشەپ ياخشىلاپ، دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرىنىڭ فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر