باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچىدە 10 مىڭدىن ئارتۇق مېيىپ تولۇقلىما پۇلىدىن بەھرىمەن بولدى

2017.05.11 15:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9-ماي، مۇخبىرنىڭ شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ياكى ئېغىر دەرىجىدىكى مېيىپتىن 16 مىڭ 400 كىشىگە 23 مىليون 200 مىڭ يۈەن ياردەم پۇلى تارقىتىلغان.

  بۇلتۇر 10-ئايدا، «ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ قىيىنچىلىقى بار مېيىپلەرگە تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرىش ۋە ئېغىر دەرىجىدىكى مېيىپلەرگە كۈتۈنۈش ياردەم پۇلى بېرىشنى يولغا قويۇش چارىسى» يولغا قويۇلۇپ، ئۈرۈمچى شەھەر نوپۇسىغا ۋە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مېيىپلىق كىنىشكىسى»گە ئىگە بولغان، شەھەر-يېزا ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئوبيېكتى ئىچىدىكى مېيىپلەرگە تولۇقلىما بېرىش ئۆلچىمى بويىچە ھەر بىر كىشىگە ھەر ئايدا 100 يۈەن بېرىش؛ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ دائىملىق تۇرۇشلۇق نوپۇسىغا ئىگە ۋە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مېيىپلىق كىنىشكىسى»گە ئىگە، مېيىپلىق دەرىجىسى بىرىنچى دەرىجىلىك ياكى ئىككىنچى دەرىجىلىك، ئۇزۇن مۇددەت قاراشقا مۇھتاج مېيىپ كىشىلەرگە تولۇقلىما بېرىش ئۆلچىمى بويىچە ھەر بىر كىشىگە ھەر ئايدا 100 يۈەن بېرىش يولغا قويۇلۇپ، شۇ يىلى 12-ئايدا، ئۈرۈمچى شەھىرىدە قىيىنچىلىقى بار مېيىپلەرگە تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرىش ۋە ئېغىر دەرىجىدىكى مېيىپلەرگە كۈتۈنۈش ياردەم پۇلى تارقىتىش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر