10- ماي، خوتەن شەھىرى ئىلچى يېزىسىنىڭ ئەتىرگۈل بازىرىدا، يەرلىك ئاھالىلەر ئەتىرگۈلنىڭ بەرگىلىرى بىلەن ئانىلىقىنى ئايرىپ، گۈل بەرگىسىنى قىزىلگۈل مۇرابباسى ياساشقا ئىشلەتمەكتە.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5- ئاي كىردى، شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتىدىكى كەڭ يېزا-كەنتلەردە تېرىغان قىزىلگۈللەر پورەكلەپ ئېچىلدى، خوتەن شەھىرى ئىلچى يېزىسىدىكى ئەتىرگۈل بازىرىدىمۇ يېقىندا تىجارەت باشلاندى، يەرلىك ئاھالىلەر ئەتىرگۈل ئۈزۈپ، ئەنئەنىۋى قىزىلگۈل مۇرابباسى ياسىماقتا. قىزىلگۈل مۇرابباسى تەمى تاتلىق بولۇپ، ئۇ، يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ ئەنئەنىۋى يېمەكلىكى ھېسابلىنىدۇ. خوتەن تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، ھاۋاسى قۇرغاق بولغاچقا، بۇ جايغا تېرىلىدىغىنى ئەتىرگۈل دەمەشق ئەتىرگۈلى ھېسابلىنىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خوتەندە ئارقا-ئارقىدىن ئەتىرگۈلدىن ئەتىرگۈل قىزىل ھارىقى، ئەتىرگۈل چېيى قاتارلىق بىر قاتار مەھسۇلاتلارنى ياساپ چىقىش كەسىپ قىلىنغان بولۇپ، ئۇلار بازارلاردا ئالقىشقا ئېرىشىپ كەلمەكتە.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى