11- ماي، تاشقورغان ناھىيەسىنىڭ قۇزغۇن كەنتىدە، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئامما ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈتمەكتە.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ تاشقورغان ناھىيەسىدە 5.5 بال يەر تەۋرەپ، شۇ كۈنى سائەت 11گىچە سەككىز ئادەم قازا قىلغان، 23 ئادەم يارىلانغان. ئاپەت بىر قەدەر ئېغىر بولغان رايوندىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان ئامما 2460 ئائىلىگە ۋە 12 مىڭ ئادەمگە يەتكەن، ئاپەت ئەڭ ئېغىر بولغان تاشقورغان يېزىسىنىڭ قۇزغۇن كەنتىدە 220 ئائىلىلىك 1520 كېسەك ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى