باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر، خوتەن ۋىلايىتىدىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى تەشكىللىك يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ ئۈچ يىللىق پىلانىنى تۈزدى

«ئالتە بىر تۈركۈم» ئارقىلىق ئۈچ يىلدا 100 مىڭ كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ

2017.05.12 18:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10-ماي، مۇخبىرنىڭ قەشقەر، خوتەن ۋىلايىتىدىكى شەھەر-يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى تەشكىللىك يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتى تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىلدىن باشلاپ 2019-يىلىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىز «ئالتە بىر تۈركۈم» ئارقىلىق قەشقەر ۋە خوتەن ۋىلايىتىدە ئۈچ يىلدا 100 مىڭ كىشى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، بۇ يىل 25 مىڭ كىشى، كېلەر يىلى 35 مىڭ كىشى، 2019-يىلى 40 مىڭ كىشى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، قەشقەر ۋە خوتەن ۋىلايىتىدىكى شەھەر-يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى تەشكىللىك، كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، كىرىمنى ئاشۇرۇپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار تارماقلار يېقىندا «قەشقەر، خوتەن ۋىلايىتىدىكى شەھەر-يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى تەشكىللىك يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچ يىللىق پىلانى‹2019-2017›» نى تۈزگەن. ئۈچ يىللىق پىلان بويىچە، ئاپتونوم رايونىمىز دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلار ئارقىلىق بىر تۈركۈم، نۇقتىلىق كەسىپلەر بويىچە بىر تۈركۈم، بىڭتۈەن شى (شەھەر)، تۈەن بويىچە بىر تۈركۈم، جامائەت پاراۋانلىق ئىش ئورنى بويىچە بىر تۈركۈم، ھەمكارلىشىپ نامراتلارنى يۆلەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە بىر تۈركۈم، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان كارخانىلارغا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە بىر تۈركۈم بولۇپ جەمئىي «ئالتە بىر تۈركۈم»دە قەشقەر، خوتەن ۋىلايىتىدە ئۈچ يىلدا 100 مىڭ كىشى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، ئۈچ يىللىق پىلاندا بىر ئومۇمىي نىشان ئايدىڭلاشتۇرۇلغان، يەنى، ئۈچ يىلدا قەشقەر، خوتەن ۋىلايىتىدە ناھىيەنى بىرلىك قىلىپ 18 ياشتىن 45 ياشقىچە بولغان، يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىختىيارلىقى بار بولغان شەھەر-يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى تەرىپىدىن بىر تۇتاش قوبۇل قىلىنىپ، ئومۇمىي خادىملار بويىچە تەربىيەلەنگەندىن كېيىن، تەشكىللىك، كۆپ خىل يوللار بىلەن شىمالىي شىنجاڭ، شەرقىي شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى ۋىلايەت، شەھەرلىرى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، بىڭتۈەن، جايلاردىكى كارخانىلار ۋە قۇرۇلۇش تۈرلىرى قاتارلىقلارغا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر