باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

29 دۆلەت باشلىقى، ھۆكۈمەت باشلىقلىرىنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدىغانلىقى مۇقىملاشتى

2017.05.12 15:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ 11- ماي قەرەللىك ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھازىرغىچە 29 دۆلەت باشلىقى، ھۆكۈمەت باشلىقى ۋە ب د ت نىڭ باش كاتىپى قاتارلىق ئۈچ مۇھىم خەلقئارا تەشكىلاتنىڭ مەسئۇلى «بىر بەلباغ، بىر يول»خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى، رەھبەرلەر يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى قاتارلىق پائالىيەتلەرگە قاتنىشىدىغان بولدى.

  گېڭ شۇاڭ مۇنداق دېدى: 130 نەچچە دۆلەتتىكى ھەر ساھەدىن كەلگەن 1500 ئەزىز مېھمان ۋەكىل سۈپىتىدە مۇنبەرگە قاتنىشىدۇ، دۇنيانىڭ جاي جايلىرىدىن كەلگەن 4000 دىن ئارتۇق مۇخبىر بۇ قېتىملىق مۇنبەرنى خەۋەر قىلىشقا تىزىملاتتى، بۇنى مىسلى كۆرۈلمىگەن ئەھۋال دېيىشكە بولىدۇ.

  بۇ قېتىملىق مۇنبەرنىڭ مەزمۇنى مول بولۇپ، ئاساسلىقى ئېچىلىش مۇراسىمى، يۇمىلاق ئۈستەل باشلىقلار يىغىنى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنى دەپ ئۈچ قىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە رەئىس شى جىنپىڭ 5- ئاينىڭ 14- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ ھەم ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلەيدۇ، ئېچىلىش مۇراسىمىدىن كېيىن يۇقىرى دەرىجىلىكلەر ئومۇمىي يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ، 5- ئاينىڭ 14- كۈنى چۈشتىن كېيىن «بەشنى راۋانلاشتۇرۇش»، ئاقىللار ئامبىرى ئالاقىسى قاتارلىقلار باش تېما قىلىنغان ئالتە باراۋەر باش تېمىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلىدۇ؛ شى جىنپىڭ 5-ئاينىڭ 15 -كۈنى يۇمىلاق ئۈستەل باشلىقلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىدۇ، بۇ ئىككى باسقۇچلۇق يىغىن ۋە چۈشلۈك خىزمەت تامىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شى جىنپىڭ يەنە يىغىندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا باشلىقلار مۇنبىرىنىڭ ئاساسلىق نەتىجىلىرىنى تونۇشتۇرىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر