باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو تاموژنىسى «بىر بەلباغ، بىر يول» بويىدىكى سودىنى قولايلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈردى

2017.05.12 15:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو تاموژنىسى «بەش راۋانلاشتۇرۇش»نى ئىلگىرى سۈرۈشنى نىشان قىلىپ، نۇقتىلىق تۈرنى تۇتقا قىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» بويىدىكى دۆلەت (رايون)لارنىڭ تاموژنىلىرى بىلەن ھەر خىل شەكىلدىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئۆزئارا ئالاقىلەر ۋە سودىنى قولايلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرگەن. بۇنىڭ ئىچىدە، جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى AEO (گۇۋاھلىق تىجارەتچى)نى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلغاندىن كېيىن، جۇڭگودىكى AEO گۇۋاھلىقى بېرىلگەن 3000غا يېقىن كارخانىمۇ ئۆز ماللىرىنى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئېكسپورت قىلغاندا، قارشى تەرەپنىڭ چېگراسى ئىچىدىكى AEO گۇۋاھلىقى بېرىلگەن كارخانىلار بىلەن ئوخشاش ھالدا ماللىرىنى تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش قولايلىقلىقىدىن بەھرىمەن بولىدىكەن. تەخمىنىي ھېسابلاشلارغا ئاساسلانغاندا،تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشتە تەكشۈرۈشنىڭ ئوتتۇرىچە نىسبىتى تەخمىنەن %50 تۆۋەنلەپ، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش سۈرئىتى %30تىن ئارتۇق ئاشقان.

  2014- يىلىدىن بۇيان، جۇڭگو تاموژنىسى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، رۇسىيە، ياۋروپا ئىتتىپاقى، موڭغۇلىيە، قازاقىستان ۋە بېلارۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ تاموژنىلىرى بىلەن جەمئىي 82 پارچە تاموژنا ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىگە ئىمزا قويۇشقان. مەزكۇر ھۆججەتلەر 51 دۆلەت ۋە رايونغا تەتبىقلىنىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ تاموژنا ھەمكارلىقىنى قانۇنىي ئاساس ۋە مىخانىزىملىشىش كاپالىتى بىلەن تەمىنلىگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر