باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت ئىچىدىكى ماي باھاسى بۇ يىلقى ئەڭ زور دەرىجىدە تۆۋەنلەشنى كۈتۈۋالدى

بىر باك ماي قاچىلىسا تەخمىنەن 10 يۈەن تېجىلىدۇ

2017.05.12 15:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى 11-ماي چۈشتىن كېيىن ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، 11-ماي كەچ سائەت 24 تىن باشلاپ، دۆلەت ئىچىدىكى بېنزىن، دىزېل مېيى باھاسىنىڭ ھەر توننىسىنىڭ ئايرىم-ئايرىم ھالدا 250 يۈەن ۋە 235 يۈەن تۆۋەنلىتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنىڭ بىلەن دۆلەت ئىچكى تەييار ماي باھاسى بۇ يىل 4-قېتىم چۈشۈپ، بۇ يىل ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ چۈشۈش نىسبىتىنى ياراتتى.

  بۇ نۆۋەتلىك ماي باھاسى تەڭشەلگەندىن كېيىن، مەملىكەتتىكى كۆپ قىسىم جايلارنىڭ 92-نومۇرلۇق بېنزىننىڭ ھەر لىتىرىنىڭ باھاسى 6.3 يۈەندىن تۆۋەن بولىدىكەن. شەخسىي ئاپتوموبىللارنىڭ ماي باكىنىڭ سىغىمىنى 50 لىتىر بويىچە ھېسابلىغاندا، ئاپتوموبىل ئىگىسى بىر باك ماي قاچىلىسا تەخمىنەن 10 يۈەن تېجەپ قالىدىكەن.

  ھازىرغىچە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان دۆلەت ئىچىدىكى تەييار ماي باھاسى «ئۈچ قېتىم ئۆسۈش، تۆت قېتىم چۈشۈش، ئىككى قېتىم توختاپ تۇرۇش»تەك ئەندىزىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئۆسۈش-چۈشۈش ئۆز ئارا تولۇقلانغاندىن كېيىن، بېنزىننىڭ ھەر توننىسى 315 يۈەن، دىزېلنىڭ ھەر توننىسى 300 يۈەن چۈشكەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر