باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «مەدەنىيەت ساھەسىدىكى كەسپىي تەشكىلاتلار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»نى تارقاتتى

2017.05.12 15:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «مەدەنىيەت ساھەسىدىكى كەسپىي تەشكىلاتلار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»نى تارقاتتى ۋە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ جايلار، تارماقلاردىن ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

  «مەدەنىيەت ساھەسىدىكى كەسپىي تەشكىلاتلار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»نىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە.

  مەركەزنىڭ مەدەنىيەت تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش تۈزۈلمىسىدە يېڭىلىق يارىتىش توغرىسىدىكى ئالاقىدار ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەدەنىيەت ساھەسىدىكى كەسپىي تەشكىلاتلارنىڭ ساغلام، تەرتىپلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، تۆۋەندىكىدەك يېتەكچى پىكىر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  بىرىنچى، مۇھىملىقى ۋە تەخىرسىزلىكى

  ئىسلاھات ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيان، بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەدەنىيەت تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئىجتىمائىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ئەگىشىپ، مەدەنىيەت-سەنئەت، ئاخبارات-نەشرىيات، رادىيو-تېلېۋىزىيە، تور مەدەنىيىتى قاتارلىق ساھەلەردە بىر تۈركۈم كەسپىي تەشكىلاتلار بارلىققا كېلىپ، تەدبىر بەلگىلەش جەھەتتە مەسلىھەت بېرىش، كەسىپ تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىش، بازار تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇش، تاشقى ئالاقىنى كېڭەيتىش جەھەتلەردە پائال رولىنى جارى قىلدۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، مەدەنىيەت ساھەسىدىكى كەسپىي تەشكىلاتلارنىڭ ئومۇمىي تەرەققىياتى ياخشى بولماسلىق، ھاياتىي كۈچى يېتەرلىك بولماسلىق، مەدەنىيەت ئىشلىرى، مەدەنىيەت كەسپىنىڭ تېز تەرەققىيات تەلىپىگە ماسلىشالماسلىق؛ قىسمەن ساھە تەشكىلاتلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى كەمتۈك، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى ئاجىز، بەزىلىرىنىڭ فۇنكسىيەلىك ئورنى ئېنىق ئەمەس، ئىچكى باشقۇرۇش قېلىپلاشمىغاچقا، جارى قىلدۇرۇشقا تېگىشلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرالمىدى؛ بەزى «تەقلىدىي ئىجتىمائىي تەشكىلات»، «چېگرا سىرتىدىكى ئىجتىمائىي تەشكىلات»لار تەرەپ-تەرەپتىن بايلىق توپلاپ، قايتا-قايتا چەكلىسىمۇ ئۈنۈمى بولماي، جامائەتنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىگە دەخلى-تەرز قىلدى، جىددىي بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر