باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شۆھرەت زاكىر جۇڭگو ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى تەسەۋۋۇردىن رېئاللىققا ئايلاندى، دېدى

2017.05.12 18:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10-ماي، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر بېيجىڭدا جۇڭگو ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى جاڭ لېي باشچىلىقىدىكى جۇڭگو ئاخبارات ئاگېنتلىقى «بىر بەلباغ، بىر يول» تاراتقۇلار زىيارەت ئۆمىكىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.

  شۆھرەت زاكىر زىيارەت داۋامىدا يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ، شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە جۇغراپىيەلىك، بايلىق ۋە ئادىمىيەت ئەۋزەللىكى، شۇنىڭدەك شىنجاڭنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم قاتناش تۈگۈنى، سودا-ئەشيا ئوبوروتى، پۇل مۇئامىلە، داۋالاش، مەدەنىيەت، پەن-مائارىپتىن ئىبارەت «بەش چوڭ مەركەز» قۇرۇلۇشىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى تونۇشتۇردى.

  شۆھرەت زاكىر مۇنداق بىلدۈردى: يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىدا شىنجاڭ تەبىئىي ۋە ئالاھىدە ئەۋزەللىككە ئىگە. شىنجاڭ ئەتراپىدىكى رۇسىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، پاكىستان، موڭغۇلىيە، ھىندىستان، ئافغانىستان قاتارلىق سەككىز دۆلەت بىلەن چېگرالىنىدۇ، شىنجاڭدا دۆلەتنىڭ 1-تۈرىدىكى سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن پورتىدىن 17سى بار. نۆۋەتتە، شىنجاڭ ئاسىيا-ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇق كۆۋرۈكىنىڭ مۇھىم تۈگۈنگە ئايلىنىپ، تىنچ ئوكيان ۋە ياۋروپادىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئىقتىساد چەمبىرىكىنى بىر-بىرىگە تۇتاشتۇرماقتا. شىنجاڭ يەنە جۇڭگودىكى بىردىنبىر بالتىق دېڭىزى، ئىنگلىز بوغۇزى، پارس قولتۇقى ۋە ھىندى ئوكيانغا تۇتىشىدىغان تۆت چوڭ دېڭىزغا چىقىش ئېغىزىغا ئىگە بىردىنبىر قۇرۇقلۇق يولى ھېسابلىنىدۇ.

  شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شىنجاڭ «يادرولۇق رايون» قۇرۇلۇشىنى مەركەز قىلىپ، 2014-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە بولغان ھەرىكەت پىلانىنى تۈزۈپ، قاتناش تۈگۈنى، سودا-ئەشيا ئوبوروتى، پۇل مۇئامىلە، داۋالاش، مەدەنىيەت، پەن-مائارىپتىن ئىبارەت «بەش چوڭ مەركەز» قۇرۇلۇشىنى يولغا قويدى. نۆۋەتتە، «بەش چوڭ مەركەز» قۇرۇلۇشى ئەمەلىي ئىلگىرىلەشكە ئېرىشتى، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى تەسەۋۋۇردىن رېئاللىققا ئايلاندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر