باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ كورېيە زۇڭتۇڭى مون جائىن بىلەن تېلېفونلاشتى

2017.05.12 15:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11-ماي كورېيە زۇڭتۇڭى مون جائىن بىلەن تېلېفونلاشتى.

  شى جىنپىڭ مون جائىننىڭ كورېيەنىڭ زۇڭتۇڭى بولۇپ سايلانغانلىقىنى تەبرىكلەپ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو-كورېيە يېقىن قوشنا ۋە بۇ رايوندىكى مۇھىم دۆلەتلەر. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 25 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو-كورېيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، بۇ قەدىرلەشكە ئەرزىيدۇ. ئىككى تەرەپ جۇڭگو-كورېيە ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىكى ئەسلى مەقسەتنى ئۇنۇتماي، بىر-بىرىنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم ئىشلىرى ۋە ئورۇنلۇق مەنپەئەتىگە ئۆز ئارا ھۆرمەت قىلىپ، ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ، پەرقلەرنى ساقلاپ، ئىختىلاپلارنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. كورېيە يېڭى ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭگونىڭ مۇناسىۋەتلىك كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشلىرىغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئەمەلىي ھەرىكەت قوللىنىپ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن. جۇڭگو-كورېيە مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ ياخشى تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن، شۇنداقلا رايونلارنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، تەرەققىياتىغا پايدىلىق.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو ئۇزۇندىن بۇيان چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنى يادروسىزلاندۇرۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ تىنچ، مۇقىملىقىنى قوغداش، سۆھبەت-كېڭىشىش ئارقىلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا ئىزچىل چىڭ تۇرۇپ كەلدى. بۇ جۇڭگو-كورېيە ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق مەنپەئەتى ۋە رايونلارنىڭ تىنچ-مۇقىملىقىدىن ئىبارەت ئومۇمىيلىققا ئۇيغۇن. بىز كورىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالاقىدار تەرەپلەر بىلەن بىر يولدا مېڭىپ، يېرىم ئارال ۋە رايونلارنىڭ تىنچلىقى، گۈللىنىشى ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى خالايمىز.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر