باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز دائىرىسىدە نامرات ئائىلىلەردىكى تۇغما يۈرەك كېسىلى بار بالىلاردىن 300 نەپەر بالا يىغىپ قۇتقۇزۇش ياردىمىگە ئېرىشتى

2017.05.15 15:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۇغما يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالا ئىلام ئىمىن ئائىلىسى نامرات بولغانلىق سەۋەبىدىن داۋالاشتىن ۋاز كەچكىلى تاس قالغان، لېكىن، دوختۇرخانا ۋە فوندى جەمئىيىتىنىڭ ياردىمىدە، ئوپېراتسىيە قىلىنغاندىن كېيىن، بەش ئايدا، ئۇنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەن.

  5 - ئاينىڭ 12- كۈنى كەچتە، شىنجاڭدىكى ئىلام ئىمىنغا ئوخشاش مۇشۇنداق كېسىلى بار نامرات بالىلارغا ياردەم بېرىش ۋە تېخىمۇ كۆپ ئىجتىمائىي كۈچلەرنى توپلاپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى نامرات ئۆسمۈرلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ياردەم قىلىش ئۈچۈن، جۇڭخۇا ياش–ئۆسمۈرلەر خەيرى-ساخاۋەت قۇتقۇزۇش فوندى جەمئىيىتىنىڭ جۇڭئەي مەخسۇس فوندى جەمئىيىتى شىنجاڭ ياش-ئۆسمۈرلەر تەرەققىيات فوندى جەمئىيىتى بىلەن بىرلىشىپ، ئۇلار بىلەن ئۇزاق مۇددەتلىك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى.

  نۆۋەتتە، جۇڭخۇا ياش–ئۆسمۈرلەر خەيرى-ساخاۋەت قۇتقۇزۇش فوندى جەمئىيىتى جۇڭئەي مەخسۇس فوندى جەمئىيىتىنىڭ شىنجاڭ پونكىتى پۈتكۈل شىنجاڭغا يۈزلىنىپ، نامرات ئائىلىلەردىكى تۇغما يۈرەك كېسىلى بار بالىلاردىن 300 نەپەر بالىنى يىغىپ، ئۇلارنى قۇتقۇزۇش ياردىمىگە ئېرىشتۈردى.

  كېسەل تۈرى: تۇغما يۈرەك كېسىلى

  قۇتقۇزغۇچى تەرەپ: جۇڭخۇا ياش–ئۆسمۈرلەر خەيرى-ساخاۋەت قۇتقۇزۇش فوندى جەمئىيىتىنىڭ جۇڭئەي مەخسۇس فوندى

  بۇ تۈرگە ھەمكارلاشقان دوختۇرخانا: شىنجاڭ كەسپىي كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسى

  ئالاقىلىشىش تېلېفونى: 0991-8801111

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر