باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تىنچ، گۈللىنىش، ئېچىۋېتىش، يېڭىلىق يارىتىش، مەدەنىيلىك يولىنى بىرلىكتە بەرپا قىلايلى

_ بىر بەلباغ، بىر يول خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى ئېچىلىش مۇراسىمى ھەققىدە

2017.05.15 15:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 14- ماي بېيجىڭدا ھاۋا ئوچۇق، ئەتراپقا گۈزەللىككە پۈرگەنگەنىدى. دۆلەت يىغىن مەركىزى ھەر قايسى دۆلەتتىن كەلگەن ئەزىز مېھمانلارنى كۈتۈۋالدى. جۈملىدىن 29 دۆلەت باشلىقى ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 130 نەچچە دۆلەت ۋە 70 نەچچە خەلقئارا تەشكىلاتتىن كەلگەن 1500دىن ئارتۇق ۋەكىل «بىر بەلباغ، بىر يول»قۇرۇلۇشى ھەمكارلىق پىلانى ئۈستىدە كېڭىشىش ئۈچۈن بۇ يەرگە جەم بولدى.

  رەئىس شى جىنپىڭ چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9 دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە قىزغىن ئالقىش ئىچىدە رەئىس سەھنىسىگە چىقىپ، «<بىر بەلباغ، بىر يول>قۇرۇلۇشىنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرەيلى دېگەن تېمىدا ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلەپ مۇنداق دېدى: كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل پاراسىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ئەقىل- تەدبىر كۆرسىتىپ، بۇ ئەسىر قۇرۇلۇشىنىڭ ھەر قايسى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىشىغا تۈرتكە بولۇشىغا تەقەززامەن. رەئىس شى جىنپىڭ نۇتقىدا، تىنچ ھەمكارلىشىش، ئېچىۋېتىش، سىغدۇرۇش، ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش، ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈش، ئورتاق پايدا ئېلىشتەك يىپەك يولى روھىدىن تارتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ تۆت يىللىق نەتىجىسىنى ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلىدى، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تىنچلىق، گۈللىنىش، ئېچىۋىتىش، يېڭىلىق يارىتىش، مەدەنىيلىك يولى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى ئوتتۇرىغا قويدى؛ تارىختىن كەلگۈسىگىچە، ھاسىلاتتىن نىشانغىچە، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى ھەمكارلىق خەرىتىسى سىزىپ چىقىپ، جۇڭگونىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ھەمكارلىشىش سەمىمىيىتىنى نامايەن قىلدى.

  پۈتۈن مەيداندا 27 قېتىم ئالقىش ياڭراپ، دۇنيانىڭ جۇڭگو لايىھەسى، جۇڭگونىڭ ئەقىل – پاراسىتىنى يۈكسەك دەرىجىدە ئېتىراپ قىلغانلىقى ۋە قايىل بولغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى. ھەر قايسى تەرەپلەر قىزغىن ئىنكاس قايتۇردى، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى ھەمكارلىقىدىن زور ئۈمىد كۈتتى.

  رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن ئېچىلىش مۇراسىمىدا:«جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان <بىر بەلباغ، بىر يول>تەشەببۇسىغا قايىلمەن، بۇ تەشەببۇسنى ئىلگىرى سۈرۈش جەريانىدا، رەئىس شى جىنپىڭ ناھايىتى ياخشى ئۈلگە بولۇش كۈچىنى نامايەن قىلدى»،دېدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر