باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

5-نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللىيچە ئۇسسۇل بايرىمىنىڭ تەييارلىق خىزمىتى تەتۈر ساناق باسقۇچىغا كىردى

2017.05.17 15:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 15-ماي، 5-نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللىيچە ئۇسسۇل بايرىمى تەشكىلىي ھەيئىتىنىڭ بىرىنچى قېتىملىق يىغىنى ئېچىلىپ، 5-نۆۋەتلىك ئۇسسۇل بايرىمىنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق تەييارلىق خىزمىتى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ۋە «5-نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللىيچە ئۇسسۇل بايرىمى لايىھەسى» مۇزاكىرە قىلىنىپ قاراپ چىقىلدى.

  شۆھرەت زاكىر مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللىيچە ئۇسسۇل بايرىمى دۆلەت دەرىجىلىك تاشقى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش سۇپىسى، شۇنداقلا ئاپتونوم رايونىمىز مەدەنىيىتىنى سىرتقا يۈزلەندۈرۈشتىكى مۇھىم كۆزنەك. ئاپتونوم رايونىمىز تۆت نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللىيچە ئۇسسۇل بايرىمىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزدى، ئۇ ھازىر شىنجاڭغا ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم مەدەنىيەت بەلگىسىگە ۋە شىنجاڭنىڭ گۈزەل ئوبرازىنى نامايان قىلىدىغان يارقىن كارتىغا ئايلاندى. ئالدىنقى تۆت نۆۋەتلىك خەلقئارا ئۇسسۇل بايرىمى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بۇ نۆۋەتلىك ئۇسسۇل بايرىمىدا نۇرغۇن يېڭىلىقلار بار، بولۇپمۇ، بۇ نۆۋەتلىك ئۇسسۇل بايرىمىدا پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىشى چۆرىدىلىپ، دىققەت «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، مەزمۇنى بېيىتىلىپ، سۈپىتى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر