باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان باشقۇرۇلىدۇ

6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئۆز نامىدا تىزىملاپ رويخەتكە ئېلىنىدۇ

2017.05.17 16:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4-ئايدا كۆپ قېتىم يۈز بەرگەن ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ ئاۋىياتسىيەگە كاشىلا قىلىش ۋەقەسى نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ نورماللىقى، پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسىنىڭ نورمال يۈرۈشىگە تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي، بەزى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارنىڭ قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ ئۇچۇشى ساياھەتچىلەرنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە ئېغىر تەھدىت يەتكۈزدى. پۇقرالار ئاۋىياتسىيە ئىدارىسىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 4-ئايدا چېڭدۇ، خاڭجۇ، داليەن، نەنجىڭ، شاڭخەيدە 13 قېتىم ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ نۆۋەتچى ئايروپىلانغا تەسىر كۆرسىتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن، بولۇپمۇ چېڭدۇ شەھىرىدىكى شۇاڭليۇ ئايرودۇرۇمى توققۇز قېتىم تەسىرگە ئۇچراپ، 34 نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ ئەمەلدىن قېلىشى، 112 نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ قايتىشى ۋە زاپاس ئايرودۇرۇمغا قونۇشى، 142 نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ بوشلۇق ۋە يەر يۈزىدە ساقلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. 5-ئايدىمۇ ئۇچقۇسىز ئايروپىلاننىڭ نۆۋەتچى ئايروپىلانغا كاشىلا قىلىش ئىشلىرى داۋاملىق يۈز بەرگەن. 12-ماي، چۇڭچىڭ شەھىرىنىڭ جياڭبېي خەلقئارا ئايرودۇرۇمى ئۇچقۇسىز ئايروپىلاننىڭ تەسىرىدە 43 نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ زاپاس ئايرودۇرۇمغا قونۇشى، ئىككى نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ قايتىشى، 67 نۆۋەتچى ئايروپىلان؟قېتىمنىڭ يەر يۈزىدە ساقلاپ كېچىكىشى، 58 نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ ئەمەلدىن قېلىشى، 6000 يولۇچىنىڭ كۈتۈش بىناسىدا تۇرۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

  ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسىنىڭ يۈرۈشىگە تەسىر كۆرسىتىش ۋەقەسىنىڭ كۆپ يۈز بېرىشىنى توسۇش ئۈچۈن، پۇقرالار ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى نۆۋەتتە پۇقراۋى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى ئۆز نامىدا تىزىملىتىشنى يولغا قويدى. پۇقرالار ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى ھاۋا قاتنىشىنى باشقۇرۇش كەسپىنى باشقۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ رۇيچىڭ مۇنداق دېدى: ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى تىزىملاتقاندىن كېيىن، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان يۈرۈشنىڭ بۇلۇت سۇپىسىغا ئۇلىنىپ، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇش ئەھۋالىنى رېئال ۋاقىتلىق ئىز قوغلاپ تەكشۈرگىلى بولىدۇ، ئايرودۇرۇم قاتارلىق ئۇچۇش چەكلەنگەن رايونلارغا يېقىنلاشقاندا ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بېرىدۇ، شۇنداقلا ئېلېكتىرونلۇق قاشا قاتارلىق تېخنىكا ئارقىلىق بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىشتىن تېخىمۇ ئۈنۈملۈك پايدىلانغىلى بولىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر