باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شىمالىي جۇڭگو قاتارلىق جايلاردا يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃ 38قا يېتىدىكەن

2017.05.17 15:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شىمالىي جۇڭگو قاتارلىق جايلاردا يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن. يۇقىرى بېسىم ئومۇرتقىسىنىڭ شەرققە يۆتكىلىشىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، شىمالىي جۇڭگو، ئىچكى موڭغۇلنىڭ شەرقىي قىسىمى، خۇاڭخەي رايونىنىڭ شىمالى قىسىمى قاتارلىق جايلاردا تېمپېراتۇرا داۋاملىق ئۆرلەيدىكەن، مۆلچەرلىنىشىچە، 18- مايدىن باشلاپ يۇقىرىدا ئېيتىلغان رايونلاردا بىر قېتىم يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃35دىن ℃38گىچە بولىدىكەن.

  شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بېيجىڭ شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى 16- ماي سائەت 16دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋا رايىدىن سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش چىقاردى، 17- مايدىن 19- مايغىچە بېيجىڭ تۈزلەڭلىكىنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىنىڭ بىر سوتكىلىق ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇراسى ℃35 گىرادۇستىن يۇقىرى ھارارەتكە يېتىش ئېھتىمالى مۆلچەرلەنگەن. شۇڭا، ئىسسىق ئۆتۈپ كېتىشتىن مۇداپىئەلىنىشكە دىققەت قىلىپ، سالقىنداپ تۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىڭ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر