باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2020- يىلىغا بارغاندا ئېلىمىزدە 150 مىڭ ئۇنىۋېرسال دوختۇر تەربىيەلىنىدىكەن

2017.05.17 15:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى دېگەندەك ئۈچ تارماق يېقىندا « ‹13- بەش يىل› مەملىكەت بويىچە سەھىيە ـ پىلانلىق تۇغۇت كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىنى تەربىيەلەش پىلانى»نى تۈزۈپ چىقتى. 2020- يىلىغا بارغاندا، كېسەلخانا ۋىراچلىرىدىن 500 مىڭ، ئۇنىۋېرسال دوختۇردىن 150 مىڭدىن ئارتۇق، ئاممىۋى گىگېنا ۋىراچلىرىدىن 5000نى ئۆلچەملىك تەربىيەلەش ئۈچۈن تىرىشىدىكەن.

  2015- يىلنىڭ ئاخىرىغىچە، ئېلىمىزنىڭ سەھىيە ـ پىلانلىق تۇغۇت خادىملارنىڭ ئومۇمىي سانى 10 مىليون 694 مىڭغا يەتكەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە، كەسپىي (ياردەمچى) ۋىراچنىڭ سانى 3 مىليون 39 مىڭغا، رويخەتكە ئېلىنغان سېسترانىڭ سانى 3 مىليون 241مىڭغا، ھەر 1000 نوپۇسقا توغرا كەلگەن كەسپىي (ياردەمچى) ۋىراچنىڭ سانى 2.22غا يەتكەن. بۇنىڭ بىلەن، ھازىر ئېلىمىزنىڭ تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر بىلەن بولغان پەرق تەدرىجىسى كىچىكلىمەكتە. ئۇزاققىچە مەۋجۇت بولۇپ كېلىۋاتقان دوختۇر بىلەن سېسترا ئارىسىدىكى نىسبەت تەتۈر بولۇپ قېلىش ئەھۋالى تۈپتىن ئۆزگەردى.

  ئۇنىۋېرسال دوختۇرنىڭ سانى كۆرۈنەرلىك كۆپىيىپ 189 مىڭ ئادەمگە يەتتى، دەسلەپكى قەدەمدە ھەر ئون مىڭ شەھەر-يېزا ئاھالىسى ئىچىدە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن بىر كىشى ئۇنىۋېرسال دوختۇر بولۇش باسقۇچلۇق نىشانغا يېتىشنى ئىشقا ئاشۇرغان. شۇنىڭ بىلەن تەڭ، ھازىر ئىختىساسلىقلار ئومۇمىي سانىنىڭ كەمچىل، سۈپىتىنىڭ تۆۋەن ۋە قۇرۇلمىسىنىڭ ناچار بولۇشىدەك مەسىلىلەر يەنىلا ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئېلىمىزدە بۇنىڭدىن كېيىن كېسەلخانا ۋىراچلىرىنى ئۆلچەملىك تەربىيەلەش ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلماقچى. ئۇنىۋېرسال بۆلۈمى، بالىلار بۆلۈمى، روھىي كېسەللىكلەر بۆلۈمى ۋە تۇغۇت بۆلۈمى قاتارلىق بۆلۈملەرنى، ھەمدە پاتولوگىيە، ناركوز قىلىش ۋە سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش دېگەندەك جىددىي ئېھتىياجلىق كەسىپلەرنى نۇقتا قىلغان ھالدا، كېسەلخانا ۋىراچلىرىنى ئۆلچەملىك تەربىيەلەشنى بىر تۇتاش پىلانلاش ئىلگىرى سۈرۈلمەكچى. بۇنىڭ ئۈچۈن، 2020- يىلىغا بارغاندا، ئۆلچەملىك تەربىيەلەنگەن كېسەلخانا ۋىراچلىرىنىڭ سانىنى 500 مىڭغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىلمەكتە، ھەمدە «كېسەلخانا ۋىراچلىرىنى ئۆلچەملىك تەربىيەلەش تۈزۈمىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئورنىتىش» نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش پىلانلانماقتا.

  ئۇنىۋېرسال تېببىي كەسپىي كېسەلخانا ۋىراچلىرىنى ئۆلچەملىك تەربىيەلەپ چىققان ئاساسىدا، ئۇنىۋېرسال دوختۇرلارنى يېتىشتۈرۈش سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇش كېرەك.

  ئۇنىۋېرسال تېببىي كەسپىي مەخسۇس كېسەلخانا ۋىراچلىرىنى ئۆلچەملىك تەربىيەلەش، ئۇنىۋېرسال دوختۇر ياردەمچىسىنى تەربىيەلەش، ئىش ئورنىنى ئالماشتۇرۇپ تەربىيەلەش ۋە يېزىلارغا قارىتا تېببىي خادىملارنى نىشانلىق ھالدا ھەقسىز تەربىيەلەش دېگەندەك ئۇسۇللار ئارقىلىق، 2020- يىلىغا بارغاندا، ئۇنىۋېرسال دوختۇرنىڭ سانى 150 مىڭ نەپەردىن ئاشۇرۇلىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر