باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى بۇلتۇردىن بۇيان 168 مىڭ ئىقتىسادىي جىنايەت دېلوسىنى پاش قىلدى

2017.05.17 15:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 15- ماي، مەملىكەت بويىچە 8- قېتىملىق ج خ ئورگانلىرى ئىقتىسادى جىنايىتىگە زەربە بېرىش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقات كۈنى. ج خ مىنىستىرلىقى ئىقتىسادىي جىنايەتنى تەھقىقلەش ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 2016- يىلى كىرگەندىن بۇيان، مەملىكەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى يوشۇرۇن سەرراپخانا ئېچىش، ئاكسىيەلىك زاكاز مال سودىسى، يېڭى شەكىلدە توردا شاخلىتىپ سېتىش ھەمدە ساختا پۇل قىلمىشى، بانكا كارتىسىنى توردا قانۇنسىز ئېلىپ سېتىش ۋە باج ئالدامچىلىقى دېگەندەك جىنايەتلەرگە زەربە بېرىشتىن ئىبارەت بىر قاتار مەخسۇس ھەرىكەتلەرنى ئارقا- ئارقىدىن تەشكىللەپ ۋە قانات يايدۇرۇپ، تۈرلۈك ئىقتىسادىي جىنايەت دېلولىرىدىن 168 مىڭ دېلونى پاش قىلدى. بۇنىڭ بىلەن، 35 مىليارد 600 مىليون يۈەنلىك ئىقتىسادىي زىيان قايتۇرىۋېلىندى.

  نۆۋەتتە، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى مۇرەككەپ ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچراش تۈپەيلىدىن، ئېلىمىزدىكى ئىقتىسادىي جىنايى ھەرىكەتلىرىنىڭ يۈز بېرىش ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن يەنىلا يۇقىرى بولماقتا. كېيىنكى قەدەمدە، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى ئىقتىسادىي جىنايەتلەرگە زەربە بېرىشنىڭ يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى داۋاملىق ساقلاپ، زەربە بېرىش ئارقىلىق ئالدىنى ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بازار ئىگىلىكى تەرتىپى ۋە دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قەتئىي قوغدىغۇسى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر