خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 16-مايدىن 18-مايغىچە، «كەلگۈسى توقۇمىچىلىق يولى ــ جۇڭگو شىنجاڭ-ياۋروپا يۇقىرى دەرىجىلىك توقۇمىچىلىق مۇنبىرى» ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىملىق مۇنبەر «يىپەك يولىغا قايتىش، ئاسىيا قۇرۇقلۇقى بىلەن ئوتتۇرا دېڭىز رايونىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك توقۇمىچىلىق ساھەسى يېڭى سۆھبىتى»نى نامايان قىلدى.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ نۆۋەتلىك مۇنبەرنى ئاپتونوم رايونلۇق توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم ـ كېچەك كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى، جۇڭگو توقۇمىچىلىق ئۇچۇر مەركىزى ۋە ساندېرسون لىكسما گۇرۇھى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، BONOTTO گۇرۇھى، يىجيا دۇنياۋى تەمىنات سودا كارخانىسى قاتارلىق ياۋروپا توقۇمىچىلىق ساھەسىدىكى داڭلىق توقۇمىچىلىق كارخانىلىرى، كىيىم-كېچەك ماركىلىرى ۋە دۆلەت ئىچىدىكى توقۇمىچىلىق، كىيىم ـ كېچەك باشلامچى كارخانىلىرى ئۈرۈمچىگە جەم بولۇپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك توقۇمىچىلىقىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى ئۈستىدە ئورتاق ئىزدەندى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى