باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «جۇڭگوچە پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەنلەرنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى

2017.05.17 16:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى يېقىندا «جۇڭگوچە پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەنلەرنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى پىكىر»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقاتتى. «پىكىر»دە مۇنۇلار تەكىتلەندى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چوقۇم جۇڭگوچە پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەنلەرنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى تەپەككۇرى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش، سوتسىيالىزم ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش، پارچە گۈللەر تەڭ ئېچىلىپ، ھەممە بەس-بەستە مۇزاكىرىلىشىشتە چىڭ تۇرۇپ، مەۋقەنى جۇڭگوغا قارىتىپ، چەت ئەللەردىن ئۆرنەك ئېلىپ، تارىخنى قېزىپ، ھازىرنى ئىگىلەپ، خەلققە غەمخورلۇق قىلىپ، كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، ۋارىسچانلىقى، مىللىيلىكى، ئىجادىيلىقى، دەۋرچانلىقى، سىستېمىلىقى، كەسپىيلىكىنى تولۇق نامايان قىلىپ، پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەنلەردە يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، «ئىككى 100 يىللىق» كۈرەش نىشانى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن كۈچلۈك ئىدىيە-نەزەرىيە تايانچى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر