خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 16- ماي، سۇ بىلەن ئىسسىتىش قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى دېگەندەك ماللار لىق قاچىلانغان X9081 قېتىملىق پويىز جۇڭگو-ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزلىرىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى يىغىلىش مەركىزىدىن يولغا چىققىپ، قازاقىستان ئالمۇتا تەرەپكە يۈرمەكتە، بۇ، جۇڭگو-ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزلىرىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى يىغىلىش مەركىزى 2016- يىلى 26- ماي ئىشقا كىرىشتۈرگەندىن كېيىنكى 300- قېتىملىق خەلقئارا يۈك پويىزى ھېسابلىنىدۇ.
سۈرەتتە: 16- ماي كۈنى، X9081 قېتىملىق پويىز جۇڭگو-ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزلىرىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى يىغىلىش مەركىزىدىن ئاستا-ئاستا چىقماقتا.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى