باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركەزنىڭ ئەرزىيەت ئىشلىرىنى تەكشۈرۈشى تۇنجى قېتىم كاپالەتلىك تۇرالغۇ ساھەسىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە توغرىلاندى

2017.05.17 16:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت ئەرزىيەت ئىدارىسىنىڭ ھۆكۈمەت تور پونكىتى 6-ماي كاپالەتلىك تۇرالغۇ ساھەسىدىكى 48 ئەرزىيەت ئىشىنى تەكشۈرۈش ئەھۋالىنى ئېلان قىلدى. بۇ مەركەز ئەرزىيەت ئىشلىرىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ تۇنجى قېتىم كاپالەتلىك تۇرالغۇ مەسىلىسى توغرىسىدا مەخسۇس نەق مەيداندا تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇشى.دۆلەت ئەرزىيەت ئىدارىسى 4-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە مەركەز ئەرزىيەت ئىشلىرىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىدىن ئالتىنى خېبېي، لياۋنىڭ، ئىچكى موڭغۇل، شەندۇڭ، خېنەن ۋە خۇبېي قاتارلىق جايلارغا ئەۋەتىپ، كاپالەتلىك تۇرالغۇغا مۇناسىۋەتلىك 48 ئەرزىيەت ئىشىنى نەق مەيداندا تەكشۈردى. ھەر قايسى يول تەكشۈرۈش ئەترىتىگە مۇخبىر، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى بىرلىكتە قاتناشتى.

  مۇخبىر تەكشۈرۈش جەريانىدا كۆچۈرۈلىدىغان ئائىلىلەرنى ۋاقتىدا قايتا كۆچۈرۈپ كەلمەسلىك، ئۆتكۈنچى ئورۇنلاشتۇرۇش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇش، قايتا كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن ئۇزاققىچە ئۆي-مۈلۈك گۇۋاھنامىسى بېجىرەلمەسلىك... مەسىلىلىرىنى بايقىدى، بۇ مەسىلىلەر كاپالەتلىك تۇرالغۇ ساھەسىدە نىسبەتەن گەۋدىلىك مەسىلىلەر بولۇپ، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان.

  مەركەز ئەرزىيەت ئىشلىرىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى خېبېي گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى، دۆلەت ئەرزىيەت ئىدارىسى تەكشۈرۈش ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ليۇ ياڭ مۇنداق دېدى: جايلار تەكشۈرۈلگەن ئىشلارنى تۈزىتىش جەريانىنى ۋاقتىدا يۇقىرىغا مەلۇم قىلىشى كېرەك، دۆلەت ئەرزىيەت ئىدارىسى بۇنى نازارەت قىلىپ، جايلارنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى قەرەللىك ئىز قوغلاپ تەكشۈرىدۇ ۋە نۇقتىلىق تەكشۈرۈلگەن دېلولارنى قايتا تەكشۈرىدۇ؛ ئەمەلىي گەۋدىلەردە چوڭ مەسىلىلەر ساقلانغان، ئاممىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە ئېغىر دەخلى-تەرز قىلغان ئىشلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرىدۇ ۋە جەمئىيەتكە ئاشكارىلايدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر