- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئىنگلىز تىلى 4-دەرىجە ئىمتىھانىنىڭ ئەمالار يېزىقىدىكى ئىمتىھان قەغىزىنىڭ تەييارلىق خىزمىتى پۈتتى
2017.05.17 16:30 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىز قىزنىڭ مائارىپ مىنىستىرلىقىنى ئەرز قىلىش» ۋەقەسىگە قارىتا، مائارىپ مىنىستىرلىقى ئىمتىھان مەركىزى 16-ماي مۇنداق دېدى: جۇڭگو مېيىپلار بىرلەشمىسىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى بىلەن، 2017-يىلى 6-ئايدا ئېلىنىدىغان مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپ ئىنگلىز تىلى 4-دەرىجە ئىمتىھانىنىڭ(CET) كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىز كىشىلەرنى ئەمالار يېزىقىدىكى ئىمتىھان قەغىزى بىلەن تەمىنلەشنىڭ تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرى پۈتۈپ، ئەما ئوقۇغۇچىلارنىڭ CET ئىمتىھانىغا قاتنىشىش ئارزۇسى رېئاللىققا ئايلىنىدىغان بولدى.
ئىگىلىنىشچە، بۇلتۇر 9-ئايدا، چاڭچۈن ئۇنىۋېرسىتېتى ئالاھىدە مائارىپ ئىنستىتۇتى يىڭنە سانجىپ ئۇۋۇلاپ داۋالاش كەسپىنىڭ 4-يىللىقتىكى كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىز قىز شياۋچيەن (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) 12-ئايدا ئېلىنىدىغان ئالىي مەكتەپ ئىنگلىز تىلى 4-دەرىجە ئىمتىھانىغا تىزىملاتقان ۋە شۇ جايدىكى مائارىپ تارماقلىرىغا ئەمالار يېزىقىدىكى ئىمتىھان سوئالى ئىشلىتىشنى ئىلتىماس قىلغان، لېكىن تەستىقلانمىغان؛ بۇ يىل 3-ئايدا ئىنگلىز تىلى 4-، 6-دەرىجە ئىمتىھانىغا تىزىملاتقاندا، شياۋچەننىڭ ئىلتىماسىدىن يەنە خەۋەر بولمىغان. شياۋچەن ئادۋوكاتقا ھاۋالە قىلىپ 10-ماي بېيجىڭ شەھەرلىك بىرىنچى ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە مەمۇرىي دەۋا سۇنۇپ، مائارىپ مىنىستىرلىقىدىن كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىز ئەمالارنىڭ ئىنگلىز تىلى 4-دەرىجە ئىمتىھانىغا قاتناشقاندا بەھرىلىنىدىغان مۇۋاپىق قولاي تەدبىرلىرىنى ئاشكارا ئېلان قىلىشنى تەلەپ قىلغان، سوت مەھكىمىسى دېلونى شۇ كۈنىلا قوبۇل قىلغان.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر