باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ھۆججەتلىك فىلىم «خەلق ساقچىلىرى»نى سۈرەتكە ئېلىش باشلاندى

2017.05.18 15:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10- ماي، ھۆججەتلىك فىلىم «خەلق ساقچىلىرى»نى سۈرەتكە ئېلىش پائالىيىتى ۋە ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەر ئۈرۈمچىدە باشلاندى.

  «خەلق ساقچىلىرى»دېگەن بۇ فىلىم «ساقچىلارنىڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش» تېما قىلىنغان بىر پارچە ھۆججەتلىك فىلىم بولۇپ، ئۇنى جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ جىندۈن فىلىم ۋە تېلېۋىزىيە مەدەنىيەت مەركىزى ۋە قورغاس مېيگاۋ مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى دېگەندەك شىركەتلەر بىرلىكتە مەبلەغ سېلىپ ئىشلەپ تارتقان. بۇ فىلىمدە، ئاساسىي قاتلام ساقچىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى باش رولچى قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا، ئۇلارنىڭ ئاددىي ھەم ئالدىراش تۇرمۇش ۋە خىزمىتى سۆزلەنگەن. بۇنىڭ ئىچىدە، يەنى بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئالدى بىلەن سۈرەتكە ئېلىنىشقا باشلانغان 28 قىسىمدا، شىنجاڭدىكى 20دىن ئارتۇق ئەزىمەت، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار شەخسلەرنى سۈرەتكە ئېلىش ئوبيېكتى قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئاممىۋى لۇشيەن دېگەنلەرنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەۋج ئالدۇرۇش دېگەندەك جەھەتلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا. ئۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ ھەر بىر ھەقىقىي ئىش-ئىزلىرىدىن مىساللارنى ئېلىپ تۇرۇپ تونۇشتۇرۇپ، ھەر بىر باش قەھرىماننىڭ ئاددىي خىزمەت ئورنىدا ياراتقان ئالاھىدە نەتىجىلىىنى سۆزلىگەن.

  ئەھۋالغا ئاساسلانغاندا، مەزكۇر ھۆججەتلىك فىلىم «خەلق ساقچىلىرى» بىلەن بىرگە يەنە «ئەڭ پەزىلەتلىك خەلق ساقچىلىرى» دېگەن ئىجتىمائىي پاراۋانلىق پائالىيىتىمۇ قانات يايدۇرۇلۇپ، پۇل-مال ئىئانە قىلىش ۋە ئوقۇشقا ياردەم بېرىش دېگەندەك ئۇسۇللار ئارقىلىق، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى، ھەمدە ئىلغار شەخسلەرنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە كۆڭۈل ئىزھار قىلماقچى ئىكەن.

  مەزكۇر فىلىم سۈرەتكە ئېلىنىپ بولغاندىن كېيىن، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا كۆرسىتىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر