باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى پىكىر بېسىپ تارقىتىپ دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ «قانۇننى كىم ئىجرا قىلسا شۇ ئومۇملاشتۇرۇش»تەك قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى يولغا قويدى

2017.05.18 15:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ <قانۇننى كىم ئىجرا قىلسا، شۇ ئومۇملاشتۇرۇش>تەك قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى ۋە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جايلار، تارماقلاردىن ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

  «دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ <قانۇننى كىم ئىجرا قىلسا، شۇ ئومۇملاشتۇرۇش>تەك قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى پىكىر»نىڭ مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە.دۆلەت ئورگىنى دۆلەتنىڭ قانۇن تۈزۈش ۋە ئىجرا قىلىش سۇبيېكتى، شۇنداقلا ئۇنىڭ زىممىسىگە قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇشتەك مۇھىم ۋەزىپە يۈكلەنگەن. پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىدا دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ «قانۇننى كىم ئىجرا قىلسا شۇ ئومۇملاشتۇرۇش»تەك قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى يولغا قويۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىق-تەربىيە مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ «قانۇننى كىم ئىجرا قىلسا شۇ ئومۇملاشتۇرۇش»تەك قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى يولغا قويۇش توغرىسىدا تۆۋەندىكىدەك پىكىر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  بىرىنچى، ئومۇمىي تەلەپ

  (بىرىنچى) يېتەكچى ئىدىيە

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-، 4-، 5-، 6- ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارشىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى تەپەككۇرى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، «بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈشنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قانۇن ئىدارە قىلىش تەشۋىق-تەربىيەسى توغرىسىدىكى قارار، ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «قانۇننى كىم ئىجرا قىلسا شۇ ئومۇملاشتۇرۇش» تەلىپى بويىچە، دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش مەسئۇلىيەت ۋەزىپىسىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، خىزمەت تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەيدەكچىلىك قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈزلۈكسىز كەڭ قانات يايدۇرۇپ، تىرىشىپ پارتكوم بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىدىغان، تارماقلار ئىش تەقسىملەپ مەسئۇل بولىدىغان، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان، تەڭ تۇتىدىغان خىزمەت ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر