باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مەملىكەت بويىچە ج خ سىستېمىسىدا خىزمەت كۆرسەتكەن قەھرىمان نەمۇنىچىلارنى كوللېكتىپ تەقدىرلەش يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

شىنجاڭ ج خ ئورگانلىرىدىن 18 كوللېكتىپ ۋە 37 شەخس تەقدىرلەندى

2017.05.22 14:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 20- ماي چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ج خ ئورگانلىرى بېيجىڭغا يىغىلىپ، مەملىكەت بويىچە ج خ سىستېمىسىدا خىزمەت كۆرسەتكەن قەھرىمان نەمۇنىچىلار كوللېكتىپىنى تەقدىرلەش يىغىنىغا قاتناشقان ۋەكىللەر شىنجاڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىرى يولداش خو ليوجۈننىڭ باشلىشى بىلەن، شەرەپ قۇچۇپ شىنجاڭغا قايتتى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ج خ ئورگانلىرىدىن 18 كوللېكتىپ ۋە 37 نەپەر شەخس تەقدىرلەندى.

  19- ماي چۈشتىن بۇرۇن، مەملىكەت بويىچە ج خ سىستېمىسىدا كوللېكتىپ خىزمەت كۆرسەتكەن قەھرىمان نەمۇنىچىلار كوللېكتىپىنى تەقدىرلەش يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيان، تۈرلۈك جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىدە گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان ئىلغار كوللېكتىپ ۋە شەخسلەر داغدۇغىلىق تەقدىرلەندى.

  يىغىندىن ئىلگىرى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى ۋە مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى يولداش شى جىنپىڭ مەملىكەت بويىچە ج خ سىستېمىسىدا خىزمەت كۆرسەتكەن قەھرىمان نەمۇنىچىلار كوللېكتىپىنى تەقدىرلەش يىغىنىغا قاتناشقان ۋەكىللەر بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ۋە مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ليۇ يۈنشەن كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

  بۇ قېتىمقى تەقدىرلەش يىغىنىدا جەمئىي 615 ئىلغار كوللېكتىپ ۋە 1320 نەپەر ئىلغار شەخس تەقدىرلەندى. بۇلار، گوۋۇيۈەن ۋە مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى تەرىپىدىن شەرەپلىك نام بېرىلگەن 15 كوللېكتىپ، مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر ج خ ئىدارىسىدىن 100ى، مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر جامائەت خەۋپسىزلىكى ئاساسىي قاتلام ئورۇنلىرىدىن 500ى، مەملىكەت بويىچە ئالاھىدە دەرىجىلىك مۇنەۋۋەر خەلق ساقچىسىدىن 220 نەپەر كشى ۋە مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر خەلق ساقچىسىدىن 1100 نەپەر كىشى دېگەندەك كوللېكتىپ ۋە شەخسلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ج خ ئورگانلىرىدىن ئۈچ كوللېكتىپ مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر ج خ ئىدارىسى بولۇپ باھالاندى، 15 كوللېكتىپ مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر جامائەت خەۋپسىزلىكى ئاساسىي قاتلام ئورنى بولۇپ باھالاندى، ئالتە نەپەر يولداشقا مەملىكەت بويىچە ئالاھىدە دەرىجىلىك مۇنەۋۋەر خەلق ساقچىسى دېگەن شەرەپلىك نام بېرىلدى، 31 نەپەر يولداش مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر خەلق ساقچىسى بولۇپ باھالاندى.

  كۇچا ناھىيەسى جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى ۋە ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى 1- تارماق ئەترەتنىڭ 2- چوڭ ئەترىتى، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى مارياڭ ساقچىخانىسىنىڭ باشلىقى دىڭ فاگېن، غۇلجا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ 1- چوڭ ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى نۇرزامان مۆمىن، ج خ نازارىتى تور بىخەتەرلىك باش ئەترىتىنىڭ ساقچىسى شىن يىچېن ۋە ج خ نازارىتى 21- باشقارمىسى 1- شۆبە ئەترىتىنىڭ شۆبە ئەترەت باشلىقى دىلشات قېيۇم قاتارلىقلار شىنجاڭ ج خ ئورگانلىرىدىكى نەمۇنىچىلار ۋە خىزمەت كۆرسەتكەن كوللېكتىپقا ۋەكىل بولۇپ، نەق مەيدانغا بېرىپ تەقدىرلەشنى قوبۇل قىلدى. مەملىكەت بويىچە جامائەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسىدىكى 1 - دەرىجىلىك قەھرىمان نەمۇنىچى ۋە خوتەن ۋىلايەتلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى قوشۇمچە قاراقاش ناھىيەسى ج خ ئىدارىسىنىڭ سىياسىي كومىسسارى يولداش مۇرات شېرىپجان پۈتۈن مەملىكەتتىكى ج خ ئورگانلىرى بويىچە 10 نەپەر ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان قەھرىمانلار ۋە نەمۇنىچىلار ۋەكىللىرىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتىدە تەقدىرلەش يىغىنىغا قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر