باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى گومىنداڭ بىلەن كومپارتىيەنىڭ ئورتاق سىياسىي ئاساستا ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتىنىڭ توغرا يۆنىلىشىنى ئىگىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

2017.05.22 14:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. ۋۇ گويى 20-ماي جۇڭگو گومىنداڭ پارتىيەسىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى. دۆلەت تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى ئەن فېڭشەن 21-ماي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو گومىنداڭىنىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن رەئىسنىڭ رەھبەرلىكىدە، «92-يىل ئورتاق قارىشى» دا ئىزچىل چىڭ تۇرۇپ، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» غا قەتئىي قارشى تۇرۇشىنى، گومىنداڭ بىلەن كومپارتىيەنىڭ ئورتاق سىياسىي ئاساستا ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتىنىڭ توغرا يۆنىلىشىنى ئىگىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  ئەن فېڭشەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ 20-ماي ۋۇ گويى ئەپەندىگە تېلېگرامما يوللاپ، ئۇنىڭ جۇڭگو گومىنداڭنىڭ رەئىسلىكىگە تەيىنلەنگەنلىكىنى تەبرىكلىدى، ۋۇ گويى جاۋاب تېلېگراممىسى يوللاپ رەھمەت رەھمەت ئېيتتى. كۆپ يىللاردىن بۇيان، گومىنداڭ بىلەن كومپارتىيە «92-يىل ئورتاق قارىشى» دا چىڭ تۇرۇش، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» غا قەتئىي قارشى تۇرۇشتەك ئورتاق سىياسىي ئاساستا، ئۆزئارا ئىشەنچنى ئۈزلۈكسىز چىڭىتىپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىيات يولىنى ئېچىش ۋە ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئويناپ، مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. جۇڭگو گومىنداڭنىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن رەئىسنىڭ رەھبەرلىكىدە، «92-يىل ئورتاق قارىشى» دا ئىزچىل چىڭ تۇرۇپ، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» غا قەتئىي قارشى تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا ئالاقىنى ساقلاپ، ئالماشتۇرۇش ۋە سۆھبەتلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىيات يۆنىلىشىنى ئىگىلەپ، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ بەخت-سائادىتى ۋە قېرىنداشلىقىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئورتاق كۈرەش قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر