سۈرەتتە: 18- ماي، شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتى يوپۇرغا ناھىيەسى بىلقىز سايىم كەشتىچىلىك كوپىراتىپىدا، ئىشچىلار ماشىنىدا گۈل كەشتىلىمەكتە.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتى يوپۇرغا ۋە يېڭىسار قاتارلىق ناھىيەلەردە «سانائەت مەھەللىسى» ئەندىزىسىنى كۈچەپ كېڭەيتىپ، يىراق جايلاردىكى يېزا ۋە دېھقانلارنى يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت ئەمەلىي مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، مەھەللىدە زاۋۇت ۋە كوپىراتىپلارنى ئاچقان ۋە ئۇ زاۋۇتلارنى كەنتكە ئولتۇراقلاشتۇرغان. بۇ زاۋۇتلار يەنە ياتاق، ئاشخانا ۋە يەسلى قاتارلىق ئەسلىھەلەرنى زاپاس تەييارلاپ بېرىپ، شۇ جايدىكى ئاياللارنى خىزمەت ۋاقتىدىن باشقا ۋاقىتلاردا بالىلىرىغا قاراش، ماتېرىيال ۋە ماھارەت بويىچە تەربىيەلىنىش دېگەندەك پۇرسەت ۋە شارائىتلار بىلەن ھەقسىز تەمىنلەپ بېرىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ دېھقانچىلىقنىڭ بوش مەزگىللىرىدە قول ھۈنەر مەھسۇلاتلىرىنى ياساش ۋە ئۆيدىن چىقماي كىرىمىنى ئاشۇرۇش دېگەندەك ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى. «سانائەت مەھەللىسى» ئەندىزىسى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ تەدرىجىي ھالدا بىر مىليون نەپەر شەھەر-يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ باشقا تۈرلۈك ئىشلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ئۈچۈن يېڭى تەسەۋۋۇر بىلەن تەمىنلەشنى ئىشقا ئاشۇردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى