- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
«بىر بەلباغ، بىر يول» بويىدىكى دۆلەتلەرگە نىسبەتەن
گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ ئىمپورت-ئېكسپورت سودا تەرەققىياتى ياخشى
2017.05.22 14:34 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تاموژنا باش مەھكىمىسىنىڭ گۇاڭدۇڭ شۆبە تەپتىش مەھكىمىسىدىن ئىگىلىنىشىچە: بۇ يىل 1- ئايدىن 4- ئايغىچە، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان سودىدىكى ئىمپورت-ئېكسپورت قىممىتى 462 مىليارد 650 مىليون يۈەنگە يەتكەن بولۇپ، ئۇ، ئوخشاش مەزگىلدە ئېلىمىزدىكى يىپەك يولى بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان سودىدىكى ئىمپورت-ئېكسپورت قىممىتىنىڭ %23ىنى ئىگىلىگەن، ھەمدە ئىگىلىگەن نىسبىتى ئالدىنقى يىلدىكىگە قارىغاندا 2.2 پىرسەنت پوئىنت ئۆسكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، ئېكسپورت سوممىسى 312 مىليارد 320 مىليون يۈەنگە يەتكەن بولۇپ، %29.2 ئاشقان؛ ئىمپورت سوممىسى 150 مىليارد 330 مىليون يۈەنگە يەتكەن بولۇپ، %19.5 ئاشقان. 1- ئايدىن 4- ئايغىچە، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىكى پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ يىپەك يولى بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان سودىسىدىكى ئىمپورت-ئېكسپورت سوممىسى 275 مىليارد 160 مىليون يۈەنگە يەتكەن بولۇپ، %42.4 ئاشقان. بۇ، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ يىپەك يولى بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان سودىسىدىكى ئىمپورت ـ ئېكسپورت قىممىتىنى 22.3 پىرسەنت پوئىنت ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر