باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ: ئەستايىدىل پىلانلاپ، تۈرلۈك ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى چىڭ تۇتۇپ، مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلەرنى پائال ئومۇملاشتۇرۇش ئارقىلىق ئىسلاھاتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك

2017.05.24 15:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى شى جىنپىڭ 23-ماي چۈشتىن كېيىن مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ 35-قېتىملىق يىغىنىنى ئاچتى ۋە مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نۇقتىدا سىناق قىلىشنى چىڭ تۇتۇشنىڭ ئىسلاھات ئومۇمىيىتىگە بولغان ئەھمىيىتى زور. ئەستايىدىل پىلانلاپ، ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى چىڭ تۇتۇپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىزدىنىش، دادىل ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش، ئويلىنالايدىغان، ئىشلىيەلەيدىغان بولۇش، دادىل يېڭىلىق يارىتىش، سىناق قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، كۆپەيتكىلى، ئومۇملاشتۇرغىلى بولىدىغان تەجرىبىلەرنى كۆپرەك توپلاپ، ئىسلاھاتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى كېچياڭ، ليۇ يۈنشەن، جاڭ گاۋلى يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا، «مائارىپ تۈزۈلمە-مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر»، «چەت ئەل سودىگەرلىكى مەبلەغ سالىدىغان كەسىپلەرگە يېتەكچىلىك قىلىش مۇندەرىجىسى(2017-يىلى تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن)»، «كارخانىلارنىڭ چەت ئەلدىكى تىجارىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىر»، «بايلىق، مۇھىتنىڭ بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىنى تەكشۈرۈش، سىگنال بېرىشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىر»، «مۇھىت تەكشۈرۈش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مۇھىت تەكشۈرۈش مەلۇماتىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»، «شەخسىي كىرىم ۋە مال-مۈلۈك ئۇچۇر سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي لايىھەسى»، «رايون ھالقىغان مۇھىت ئاسراش ئاپپاراتلىرىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسى»، «دېڭىز تەۋەلىكى، ئاھالىسىز ئارالنى ھەقلىق ئىشلىتىش توغرىسىدىكى پىكىر»، «تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ جامائەت پاراۋانلىقى بويىچە ئەيىبلەشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ئەھۋالى ۋە كېيىنكى باسقۇچتىكى خىزمەتلىرى توغرىسىدىكى دوكلات» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى. يىغىندا، «جايلار، تارماقلارنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ 33-قېتىملىق يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى دوكلات»، «مائارىپ ساھەسىدىكى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات»، «پەن-تېخنىكا ساھەسىدىكى نۇقتىلىق ئىسلاھات خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات»، «داۋالاش-دورا-سەھىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات»، «پۇتبول ساھەسىدىكى نۇقتىلىق ئىسلاھات خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات» قاراپ چىقىلدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر