باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىسرائىلىيە، پەلەستىننىڭ ئىقتىسادىغا پايدىلىق بولغان تەدبىرلەرنى يولغا قويۇشنى قارار قىلدى

2017.05.24 15:39         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىسرائىلىيەدە چىقىدىغان دۆلەت زېمىن گېزىتىنىڭ 22-ماي خەۋەر قىلىشىچە: ئىسرائىلىيە بىخەتەرلىك كابىنېتى 21-ماي ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق پەلەستىننىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتىغا پايدىلىق بولغان بىر قىسىم تەدبىرلەرنى يولغا قويۇشنى قارار قىلغان.

  بۇ تەدبىرلەر ئاساسلىقى، ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قېرغىغىدىكى C رايونى يەنى ئىسرائىلىيە كونترول قىلىپ تۇرغان پەلەستىن رايونىدىكى پەلەستىنلىكلەرنىڭ تۇرالغۇ ئوي سېلىشىغا يول قويۇش، ئىيوردان دەرياسىنىڭ شىمالىدىكى ئىككى سانائەت رايونىنى كېڭەيتىپ قۇرۇش، تەكشۈرۈش پونكىتلىرىدا پەلەستىنلىك ئىشچىلارنىڭ ئىسرائىلىيە كونترول قىلىپ تۇرغان رايونلارغا كىرىشىدە كەڭ بولۇش، ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىغى بىلەن ئىيوردانىيە ئوتتۇرىسىدىكى تاموژنا ئېغىزىنى پۈتۈن كۈن ئېچىۋېتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇ قارار ئوڭ قانات پارتىيەنىڭ كابېنتتىكى ئەزالىرىنىڭ قارشى تۇرۇشىغا ئۇچرىغان.

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر