باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئەنگلىيە ساقچى تەرەپ مانچېستىردىكى پارتلىتىش ھۇجۇمىنى سادىر قىلغان جىنايەت گۇماندارىنىڭ ئىسمىنى ئېلان قىلدى

2017.05.24 16:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىىسى: ئەنگلىيەنىڭ مانچېستىر ساقچى تەرەپ 23-ماي مانچېستىردىكى پارتلىتىش ھۇجۇمىنى سادىر قىلغان جىنايەت گۇماندارىنىڭ ئىسمىنى ئېلان قىلدى ھەمدە تەكشۈرۈشنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

  مانچېستېر رايونى ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى يىئىن خوپكىنس شۇ كۈنىدىكى باياناتىدا مۇنداق دېدى: ساقچى تەرەپ 22 ياشلىق سالمان ئابېدىنى بۇ قېتىملىق پارتلىتىش ھۇجۇمىنىڭ جىنايەت گۇماندارى دەپ بېكىتتى، بىراق نۆۋەتتە تەكشۈرۈش داۋاملىشىۋاتقانلىقى سەۋەبىدىن، تېخىمۇ كۆپ كونكرېت ئۇچۇرلارنى تېخى ئاشكارىلاشقا بولمايدۇ.

  خوپكىنس مۇنداق دېدى: ساقچى تەرەپنىڭ ھازىرقى مۇھىم ۋەزىپىسى بۇ تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئابېدى ئۆزى يالغۇز قىلغانلىقى ياكى تەشكىللىك پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بېكىتىش.

  ئەنگلىيە ئاسمان ئاخبارات قانىلىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئابېدى سايلىغۇچىلار تىزىملاش ئۇچۇرىدا ئۇنىڭ مانچېستىرنىڭ جەنۇبى قىسمىدا ئولتۇرىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. ساقچىلار ئىلگىرى بۇ رايوندا ئاختۇرۇش ئارقىلىق، بىر كونتروللۇق پارتلىغۇچنى پاش قىلغان.

  خوپكىنىسنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ساقچىلار يەنە بۇ قېتىملىق پارتلىتىش ھۇجۇمى بىلەن ئالاقىسى بار دەپ قارالغان 23 ياشلىق بىر ئەرنى قولغا ئالغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر