24-ماي، پاكىستان ئەسكەرلىرى بەلۇجىستان ئۆلكىسىنىڭ كۋېتتا ۋىلايىتىدىكى تۇتقۇن قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن جاينىڭ ئەتراپىدا چارلىماقتا.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگونىڭ پاكىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ 24-ماي شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا دەلىللىشىچە، ئىككى نەپەر جۇڭگو پۇقراسى شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ غەربىي جەنۇبى قىسمىدىكى بەلۇجىستان ئۆلكىسىنىڭ كىۋېتتا ۋىلايىتىدە تۇتقۇن قىلىنغان، تۇتقۇن قىلغۇچىلارنىڭ سالاھىيىتى ۋە كونكرېت ئەھۋالى نۆۋەتتە تەكشۈرۈلۈۋېتىپتۇ.
جۇڭگونىڭ پاكىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى جىددىي تاقابىل تۇرۇش مېخانىزمىنى قوزغىتىپ ھەم پاكىستان تەرەپتىن ۋەقەنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى تېزدىن ئېنىقلاپ، تۇتقۇن قىلىنغۇچىلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلدى. شۇ جايدىكى ساقچى تەرەپ ھەرقايسى مۇھىم قاتناش يوللىرىدا ساقچى كۈچىنى زور مىقداردا كۆپەيتىپ، قۇتقۇزۇشنى قانات يايدۇردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى