- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
5-نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللىيچە ئۇسسۇل بايرىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ
2017.05.25 14:52 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان 5-نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللىيچە ئۇسسۇل بايرىمى 7-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 8-ئاينىڭ 5-كۈنىگىچە شىنجاڭدا ئۆتكۈزۈلىدۇ.
بۇ نۆۋەتلىك ئۇسسۇل بايرىمىنىڭ باش تېمىسى «جۇڭگو ئارزۇسى-رەڭدار يىپەك يولى» بولۇپ، ئاساسىي مەقسىتى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى نادىر ئۇسسۇل ئىجادىيىتىنى توپلاش، ئۇنى بەدىئىي سەنئەتنىڭ كاتتا مەرىكىسى، خەلقنىڭ بايرىمى قىلىپ ئۆتكۈزۈش، خەلقئارا نەزەرگە ئىگە، جۇڭگوچە سالاپەت، شىنجاڭنىڭ قىياپىتىنى نامايان قىلىدىغان ۋە ئاممىنىڭ قاتنىشىشىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرىدىغان بىر كاتتا مەرىكە ئۇيۇشتۇرۇشتىن ئىبارەت.
بۇ نۆۋەتلىك ئۇسسۇل بايرىمىغا پاكىستان، مىسىر، رۇسىيە قاتارلىق ئاسىيا، ئافرىقا، ياۋروپا دۆلەتلىرىدىن، دۆلىتىمىز ئىچىدىكى بىر قىسىم ئۆلكە-شەھەرلەردىن كېلىدىغان سەنئەت ئۆمەكلەر ۋە شىنجاڭ سەنئەت ئۆمەكلىرى ئويۇن قويۇشقا قاتنىشىدۇ. ئۇسسۇل بايرىمىغا قاتناشقان سەنئەت ئۆمەكلىرى 7-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 8-ئاينىڭ 5-كۈنىگىچە بولغان 17 كۈندە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدە دۆلەت ئىچى-سىرتىدىن كەلگەن مېھمانلار ۋە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىغا 60 مەيداندىن ئارتۇق ئويۇن كۆرسىتىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر